رۇسىيەنىڭ سۇ 24 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى 24-نويابىر تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىنىڭ سۇرىيە تەرىپىگە چۈشۈپ كەتتى، بۇ ئىش خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبى نېمە؟ ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكى بارمۇ-يوق؟ رۇسىيە، تۈركىيە، سۇرىيە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى قانداق؟ بۇ ۋەقە-تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟
بۇنىڭدىكى 1-دىققەت نۇقتىسى شۇكى، كۈرەشچى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇچقۇچىلارنىڭ دېرىكى بولمىدى.
تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۈركىيە ئارمىيەسى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئارمىيەسى چىقارغان كۈرەشچى ئايروپىلان سۇرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى، ئارقىدىن بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاتاي ئۆلكىسىگە يېقىن سۇرىيە تەۋەسىگە چۈشۈپ كەتتى. خەۋەرگە قارىغاندا، كۈرەشچى ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچى بۆلمىدىن قاڭقىپ چىقىپ، بىر ئۇچقۇچى قازا قىلغان، يەنە بىر ئۇچقۇچى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە، رۇسىيە تۆت ھەربىي تىك ئۇچارنى ئاجرىتىپ، يوقاپ كەتكەن ئۇچقۇچىنى ئىزدىمەكتە.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-نويابىر سۇچىدا ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشكەندە، رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى سۇرىيەدە تۈركىيەنىڭ F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى قويۇپ بەرگەن «ھاۋادىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى. بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان ئەينى چاغدا سۇرىيە لاتاقىيە ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئارىلىقى تۈركىيە چېگرىسىغا بىر كىلومېتىر كېلەتتى، ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئالتە مىڭ مېتىر ئىدى دېدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇندىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى يەر يۈزى ئوت كۈچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈرۈۋېتىلدى دېدى.
ئۆزلىرىنى «10-بىرىگادا» دەپ ئاتىۋالغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى 24-نويابىر تىۋېتتىردا ئېلان قىلغان بىر ۋىدىيودىن ئايان بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسى نۇرغۇن قوراللىقلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. ۋىدىيوغا قارىغاندا، بۇ ئۇچقۇچى يەردە قىمىرلىماي ياتقان بولۇپ، ئېغىر يارىلانغان ئىكەن. قوراللىقلار ۋىدىيودا بۇ ئۇچقۇچى ئۆلۈپ بولغان دېدى. 10-بىرىگادا ئاساسلىقى سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لاتاقىيە ئۆلكىسىنىڭ يېزىلىرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ-رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن جاي ئىكەن.
بۇنىڭدىكى 2-دىققەت نۇقتىسى شۇكى، ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قارىشى بىردەك بولمىدى.
تۈركىيە قوراللىق قىسمى باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسى بەش مىنۇت ئىچىدە رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئون قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، لېكىن كۈرەشچى ئايروپىلان قىلچە ئىنكاس قايتۇرماي داۋاملىق تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى دېيىلدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۈركىيە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، چۈنكى بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى دېدى.
پۇتىن بولسا رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى سۇرىيە لاتاقىيە ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونغا توپلانغان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئالدىن قول سېلىپ زەربە بېرىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەگە ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلمىغان ئىدى. رۇسىيە تۈركىيەنى باشتىن-ئاخىر دوست دۆلەت دەپ قاراپ كەلگەن، بىز تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق دېدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلمىغان، بەلكى بەلگىلەنگەن ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىدى دېدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئايروپىلان سۇرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئىدى، بۇنىڭ ئۇچۇش خاتىرىسى بار دەپ تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىكى 3-دىققەت نۇقتىسى شۇكى، بۇ ۋەقە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى شۆبىسىنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى-سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى قارشى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ دېدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك بۇ خەتەرلىك پەيتتە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ھەم سوغۇققان بولۇشى كېرەك دېدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتتا، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىمىز ھەم بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 24-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىلىرىنى يىغىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ دېيىلدى.
پۇتىن رۇسىيە رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك بۇ جىنايى قىلمىشقا چىداپ تۇرالمايدۇ، بۇ-رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ-تېررورلۇق قولچومىقى كەينىمىزگە تىغ ئۇرغانلىق دېدى.
رۇسىيە «يەر شارى سىياسىيسىدىكى رۇسىيە» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى لۇچىيانوۋ بۇ ۋەقە-ئەسلىدىنلا تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتقان رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئېغىر بولغانلىقتىن، ۋەقەنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ دەپ قارىدى.
سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى دەھرەھا بۇ-بىر خەتەرلىك سىگنال بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم رۇسىيە بىلەن يۈزمۇ-يۈز توقۇنۇشۇشى. تۈركىيە سۇرىيەنىڭ شىمالىدا توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇماقچى ھەم سۇرىيە ۋەزىيىتىگە يەنىمۇ قول تىقماقچى دەپ قارىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved