يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 15-ئىيۇن مۇنداق دېدى: «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كاتتىبېشى ناسىر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەمەننىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئىككى ئەمەلدارى مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 12-ئىيۇن يەمەننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خادراماۋ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مۇكاللا شەھىرىدە ناسىر ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىدى. يەمەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار رەھبىرى قاسىم رەخىمى ناسىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى كاتتىبېشى بولغان. «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى شۆبىسى بۇ ئىش توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved