ئامېرىكا ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بەھرەين قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت سۇرىيە ۋاقتى 23-سېنتەبىر سەھەردە سۇرىيە چېگرىسىدىكى رادىكال تەشكىلات ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› (ISIS) گە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى . سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات تور بېكىتى ‹‹ سابباغ ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى 23-سېنتەبىر سۇرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن بىخەتەر قايتىپ كەلگەن ، ئۇچقۇچىلار ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدى ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى سالماننىڭ ئوغلى Khalidمۇ بار ئىكەن .
ۋەلىئەھدى سالمان سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنلىقىغا مۇنداق دېگەن : دىننىڭ ساپلىقى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئىسلام دىنىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەن رادىكال ئۇنسۇرلارغا زەربە بەردى . مەن ھاۋا ئارمىيەنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىدىن پەخىرلىنىمەن .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن : سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتنىشىشى بىر تەرەپتىن ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە زەربە بېرىش ، يەنە بىر تەرەپتىن سۇرىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىرىنى قوللاپ ، سۇرىيەنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت
X
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved