بۇھەجەر ئابلا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد – سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتى ئوقۇتۇش، تېما تەتقىقاتى، باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئۆتسىمۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2014 – يىلى ئۇ تۆت ئاي ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئاجرىتىپ، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا تەكلىپ تەييارلىدى.
بۇھەجەر ئابلانىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات تېمىسى تاشقى سودا. ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى بولدى، بۇ بۇھەجەر ئابلانىڭ ئىلمىي تەتقىقات يۆنىلىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقىمۇ، ئۇ دىققىتىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردى.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەتلىك كېۋەز بازىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپتىن باشقا، ئاساسلىقى ‹‹ئۈرۈمچىنى خەلقئارا سودا مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، پەت – تېخنىكا، مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش›› تەكلىپىنى بەردى.
‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، دۆلىتىمىز بۇنىڭغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىدە نۇرغۇن كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى شارائىتىنى ھازىرلىغان، دۆلىتىمىز ئۈرۈمچىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنى سودا مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قوللىشى كېرەك››، دېدى بۇھەجەر ئابلا.
بۇھەجەر ئابلا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى ھەم باشقا ئەزالار بىلەن پىكىرلەشتى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خەلق تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە دىققەت قوزغاشنى ئۈمىد قىلدى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved