موتورولا ئەينى ۋاقىتتا سىمسىز خەۋەرلىشىش كەسپىگە يول ئاچقان شىركەت ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە موتورولا ماركىسى يانفون بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، لىيەنشىياڭ ماركىسىغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
لىيەنشىياڭ شىركىتى 2014-يىلى گۇگېلنىڭ قولىدىن موتورولا كۆچمە ئۈسكۈنە شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يانفون كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ھەمدە يۇقىرى سەپلىمىلىك مەھسۇلاتلىرىغا Moto دېگەن ماركىنى، تۆۋەن سەپلىمىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ Vibe دېگەن ماركىسىنى ئىشلەتكەن. موتورولا شىركىتىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل باش ئەمەلدارى Rich Osterloh نىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، موتورولا لىيەنشىياڭدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو ئىستېمال ئېلېكترون بازىرىدىكى گىگانت كارخانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى CES يەرمەنكىسىدە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز موتورولا ماركىسىنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاساسلىق زېھنىمىزنى Moto ماركىسىغا قارىتىمىز.»
لىيەنشىياڭ شىركىتىنىڭ بۇ قارارى كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىك بىر كارخانىنىڭ يانفون ساھەسىدىن مەڭگۈلۈك چېكىنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. موتورولا شىركىتى ئەسلىدە يانفوننىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، Hello Moto دېگەن قوڭغۇراق مۇزىكىسى ھەممە يەردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەمما 2012-يىلىغا كەلگەندە، موتورولا شىركىتى گۇگېل تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئىككى يىلدىن كىيىن گۇگېل ئۇنى لىيەنشياڭغا سېتىپ بەرگەن.
«بۇ بىزنىڭ گۆھىرىمىز.» دېگەنىدى لىيەنشىياڭ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياڭ يۈەنچىڭ ئەينى ۋاقىتتا موتورولا شىركىتىنى قوشۇۋېلىش سودىسىنى ئېلىپ بارغاندا، «بىز موتورولا ماركىسىنى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىمىز».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved