ئۈرۈمچى يىكەنكۆل شەرقىي يولىدىكى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ گەۋدە قۇرۇلۇشى تۈرىدە يېقىندا ئىش باشلاندى . قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ، بۇ ئورۇندا 289 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىكەن .
24–ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي ئىجرا ئىدارىسى) ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يىكەنكۆل شەرقىي يولى قۇياش نۇرى يېشىل ئارىلى ئېكولوگىيە مېھمانسارىيى يېنىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، ھۆكۈمەت پۈتۈن سوممىلىق مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان 6 –ئاممىۋى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىكەن .
2012–يىلىدىن بېرى ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 6 ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سېلىنغان بولۇپ ، ھەممىسى ئىشقا كىرىشىپ بولغان ، بۇ ئورۇنلاردا جەمئىي 2400 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved