24–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، شېنجىن باۋئەن رايونى شىيەن كوچىسىدا بىر ياش ئىككى ئايلىق بولغان بىر قىز ھاجەتخانىدا ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ بار چېلەككە باشچىلاپ چۈشۈپ كەتكەن . ئۆيىدە تېلېفون ئويناپ ئولتۇرغان ئانا سۇغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ قالغان قىزىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بارغان بولسىمۇ ، لېكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .
سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان قىزنىڭ فامىلىسى ۋېي ، ئانىسىنىڭ فامىلىسى خۇاڭ بولۇپ ، بۇ يىل 23 ياش ئىكەن . ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيى پەقەت بىر ئېغىزلىق بولۇپ ، تەخمىنەن 10 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن .
ھاجەتخانىسىدا يېرىم سۇ قاچىلانغان بىر چېلەك قويۇلغان ئىكەن .ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، خۇاڭ xx ئۆزى يالغۇز بالىغا قارايدىكەن ، ئۇنىڭ يولدىشى زاۋۇتتا ئىشلەيدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، تۇنجۇقۇپ قالغان قىزنىڭ ئاتىسى ساقچىخانىدا تەكشۈرۈش قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved