ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ئىشتاتى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەر ۋاقتى 3- فېۋرال چۈشتىن كېيىن 1.6 كىلومېىتىرغا پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئادەم بىدىكلىرىگە قارشى تۇرغان ھەمدە يەرلىكتىكى ئادەم بىدىكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ئورگىنى ( پايدا ئالمايدىغان ) ‹‹ ئەركىنلىك ئائىلىسى ›› غا پۇل ئىئانە قىلغان .
‹‹ ئەركىنلىك ئائىلىسى ›› تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئادەم سودىسى زەھەرلىك بۇيۇم سودىسىدىن قالسىلا خەلقئارادىكى ئەڭ ئېغىر جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ ، ئامېرىكا چېگرىسىدىلا جىنسىي ئالاقە بىلەن شوغۇللىنىشقا مەجبۇرلانغانلار 27 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 1 مىليونغا يېقىن ياش قىزلار ياكى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر قىزلار بار بولۇپ ، بۇلار ئاساسەن ئاسىيادىكى رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved