ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ غەربتىكى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى 8-ئۆكتەبىر ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەربىي قورال-جابدۇقلىرى ۋە مۇھىم ئەسلىھەلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بەردى. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى زادى قانداق؟ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەت قانداق بولىدۇ؟ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلامدۇ يوق؟
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا، ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتى سۈرىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ۋە ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرغان، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قورال-جابدۇق ۋە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغان. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى سۈرىيەدە يوشۇرۇنىدىغان جاي قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىراق دائىرىسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن، ئۇلار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.
لېكىن جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىماقتا: يەر يۈزى قىسمىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن قانداق ھەرىكەت قىلىشتا ئېنىق تاكتىكا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئارمىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولۇپ قالدى، ئەسەبىي تەشكىلات قوراللىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسىيالمىدى، ھازىر سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيەگە يېقىن مۇھىم بازار كېبانى ئۈچ ھەپتە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوئان 7-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: كېبانىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ غەرب ئەللىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قوزغىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىنى تۈگىتىش تەس بولىدۇ.
سۈرىيەدىكى دېموكراتىك بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سالىھ مۇھەممەد: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش تازا ئۈنۈم بەرمىدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب- يەر يۈزى ھۇجۇمىنىڭ ماسلاشمىغانلىقىدا، دەپ قارىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى ئۇرۇشىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىزچىل تۈردە يوققا چىقىرىپ كەلدى، ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشقان ياۋروپا ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقداشلىرىمۇ يەر يۈزى قىسمى ئەۋەتمىدى. ئىراقتا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئاساسلىقى كۇرت قوراللىق كۈچلىرى يەر يۈزىدىن ماسلاشتى؛ سۈرىيەدە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن تىركىشىش ئىقتىدارى يوق. يەر يۈزى قىسىمىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشى بولمىغانلىقتىن، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش قىيىن بولماقتا.
ئىراق باغدات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي مۇناسىۋەت پىروفېسسورى ئامارى مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئۇياقتىن شەپە بېرىپ، بۇياقتىن ھۇجۇم قىلىشتەك پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ماھىر، ئۇلار ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتى، پۇقرالارنىڭ ماشىنىلىرى ۋە موتوسىكلىتلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى ھەمدە ئاساسلىقى ئادەم كۆپ رايونلارغا يۆتكەلدى. ئۇلار يەنە ئادەم يوق بىنالارنىڭ ئۈستىگە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى تاقاپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا جەلپ قىلدى ھەمدە ئىنتېرنېت تورىدا ئالاقە قىلىشنى ئازايتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 8-ئۆكتەبىر بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئارمىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يەنىلا جاپالىق ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كېربى 8-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغىلا تايىنىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيىگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئاسان ئەمەس، بۇ تەشكىلاتنى مەغلۇپ قىلىشتىكى ئاچقۇچ- سۈرىيەدە بىر يەر يۈزى قىسمىنى قوراللاندۇرۇش ۋە تەربىيەلەش. ئامېرىكا پارلامېنتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق خادىمدىن 5 مىڭدىن كۆپرەكنى تەربىيەلەش تەكلىپىنى تەستىقلىدى، لېكىن بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved