جۇڭگو ئاخبارات تورى، 13-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 17-مارت مۇددەتتىن بۇرۇن قانۇن تۇرغۇزۇپ، سايلام ئېلىپ بارماقچى بولغان، ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىملىق سايلامغا بېلەت تاشلاش ئەڭ ئاخىرقى بۆسۈش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، نىتانىياخۇ : مېنى تەختتىن چۈشۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر خىل سۈيقەست مەۋجۇت، دەپ قارىغان.
نىتانىياخۇ ‹‹ ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتى ›› دە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ( ۋە ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە )نىڭ بۇ قېتىملىق سايلامدا مەغلۇب بولۇش خەۋپى بار ئىكەن. نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سولچىللار سايلامدا ئۇتۇق قازىنىپ قالسا، ئىسرائىلىيە ئومۇميۈزلۈك تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ.نېتانياخۇ يەنە، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ھېرزوك ۋە لىۋنى دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش تالانتىنى ھازىرلىمىغان، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئىسرائىلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھېرزوك قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي : نىتانىياخۇ ئالاقزادە بولۇۋاتىدۇ، دېگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، نىتانىياخۇ رىقابەت سايلىمىدا تەشۋىقات مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ بىخەتەرلىك ›› ۋە ‹‹ ئىران ›› دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسىي تېمىغا قويغان. ئىسرائىلىيە سولچىللىرى بولسا مۇھىم نۇقتىنى ‹‹ جەمئىيەت ›› ۋە ‹‹ تۇرمۇش خىراجىتى›› دىن ئىبارەت ئىسرائىلىيە خەلقى ھازىر ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان بۇ مەسىلىگە قويغان.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نىتانىياخۇ ئۆزىنىڭ تاراتقۇلاردىكى جەلبكارلىقىنى ئاشۇرغان. ئۇ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆزىنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر سۈيقەستنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved