ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكېرى 13-سېنتەبىر مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كېررى شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىسىرنى تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى مۇھىم شېرىكى دېدى. ھەمدە مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپتە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئارابى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ، مەن سېسى بىلەن ئامېرىكا ۋە مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە قايسى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتىم، سېسىمۇ ئىراقنىڭ كەڭ قورساق ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۈكېرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىسىر ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدۇ، دېدى. ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، تېررورلۇقنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن مىسىر بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە بۇنىڭدا مۇنداق سەۋەبلەر بار ئىكەن.
بىرىنچى، مىسىر سىياسىي مالىمانچىلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى چوڭ دۆلەت، مىسىرنىڭ پايتەختىدە ئەرەب ئەللىرىنىڭ باش ئىشتابى بار، شۇڭا مىسىر ئەرەب ئەللىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، مىسىرنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر يۆلىنىش دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا مىسىرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە ئەرەب ئەللىرىنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇقىمۇ ئاشىدۇ.
ئىككىنچى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئىسلام دۇنياسىدا ئورنى ئىنتايىم يۇقىرى، سۈنىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇھىم دىنىي تەتقىقات مەركىزى، كۆپ قىسىم سۈنىي مەزھىپىدىكىلەر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىلىرىنى نوپۇزلۇق دەپ قارايدۇ. بۇندىن ئىلگىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدى، ئۇلار دىننى بۇرمىلاۋاتىدۇ، دېگەن. شۇڭا ئامېرىكا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە داۋاملىق قارشىلىق بىلدۈرۈشىنى، كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورىزىمنى چەكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، مىسىر ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، كۆپ قىسىم ئاھالىسى سۈنىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار. مىسىردىكى «ئېرۇسالىمنى قوللىغۇچىلار» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بار. ئەگەر مىسىر دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالىسا، ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە ياردەم بېرىشىنى توسىيالىسا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەسكەر مەنبەسىنى توساش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۆتىنچى، سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا كۆپ يىل زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، مىسىر تېررورلۇققا قارشى تۇراشتا مول تەجرىبە توپلىدى. مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى، لەخمىلەردىن پايدىلىنىشى، كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، مىسىر ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرى ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تېتىپ چىققان، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ئەقىل كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار رازۋېتكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
بەشىنچى، ئىراق ۋە شام دۆلىتىنىڭ قوراللىقلىرى سۈرىيەدىكى بىر قىسىم جايلارغا كىردى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ماسلاشمىسا ئامېرىكا ئۇلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلمەيدۇ. لېكىن ئامېرىكا ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. بۇ مىسىرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى سۈرىيە مەسىلىسدە بىتەرەپ بولۇپ كەلدى، ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەنمۇ نورمال ئالاقە ساقلىدى، شۇڭا مىسىر ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىشىشىنى ماسلاشتۇرالايدۇ.
لېكىن بىر قىسىم ئامىللاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى بىر قەدەر چەكلىپ بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مىسىرنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مىسىرنىڭ ئىراق ياكى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئارقا سەپ ياردىمى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved