سۇداندا بۈگۈن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇدان خەلقى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاشنى باشلىدى. ھازىرقى نەتىجىلەرگە قارىغاندا 25 يىلدىن بۇيان دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئۆمەر بەشىرنىڭ قايتىدىن سايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سۇداندىكى بۇ قېتىملىق سايلامدا خەلق ۋەكىللىرى ۋە دۆلەت رەئىسى سايلىنىدۇ، سۇداندا يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن «سۇدان خەلق ئەركىنلىك ھەرىكتى» ناملىق قۇراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا تۇقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. پرېزىدېنت ئۆمەر بەشىر باشچىلىقىدىكى مىللى قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ئېنىق دەپ قارالماقتا. 13 مىلىيۇن سايلامغا قاتناشقۇچىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە 11 مىڭ سايلام بىلەت تاشلاش ئورنىدا ئاۋاز بېرىش خىزمىتى تۇنجى كۈنىدە كۈتۈلگەن مىقداردا بولمىدى. دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە سۇداندىكى ئىچكى تۇقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئۆكتىچى سىياسەتچىلەر بىلەن مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىدىن قۇيۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ سايلامنى بايقۇت قىلماقتا. ئۆمەر بەشىرنىڭ سايلامدا 14 نەپەر رەقىبى بار، ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلەت تاشلىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئانچە تونۇش ئەمەس.
سۇدانلىق 22 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇللاھ ئابدۇرراھمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى؛ «سايلام نەتىجىسى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن سايلامغا قاتناشمايمىز، بىز قىلىدىغان ئەڭ ياخىشى ئامال سايلامنى بايقۇت قىلىش. بىز سايلامنى كۆزەتكۈچىلەرگە ئىشەنمەيمىز، چۈنكى ئۇلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، ھۆكۈمەت سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىشنى ناھايتى ياخشى بىلىدۇ، سۇداندا ئۆزگىرىش بىر رەھبەر باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاب بىلەن بولىدۇ، ئەمما ھازىر ئۇنداق رەھبەر يوق» دەپ سۆز قىلدى.
19 ياشلىق ئەلى سالىھ؛ «دۆلەتنى باشقۇرۇشنى بىلىدىغان بىردىنبىر كىشى ئۆمەر بەشىر بولغاچقا ئۇنىڭغا بىلەت تاشلايمەن» دېدى. 61 ياشلىق سائاد ئەلدىن ئوسمان مۇخبرىغا؛ «مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۆمەر بەشىرگە بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
سۇداندىكى ئۆكتىچى رەھبەر ھەسەن تۇرابى سايلامنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان ئىدى. 1989-يىلىدا ئۆمەر بەشىرنى ھاكىميەتكە چىقارغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان ھەسەن تۇرابى، 10 يىلدىن كېيىن بەشىر بىلەن يولىنى ئايرىپ مىللى قۇرۇلتاي پارتىيسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە ئۆزى مۇستەقىل پارتىيە قۇرغان.
سۇداندىكى سايلام ساندۇقلىرىنى 75 مىڭ ساقچى قوغدايدۇ، بۇ قېتىملىق سايلام خىزمىتىنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار كۆزىتىدۇ. سايلام بىلەتلىرى 15-ئاپرېلدا ساناپ چىقىلىدۇ، سايلام نەتىجىسى 270ئاپرېل ئېلان قىلىنىدۇ.



13-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: دۇنيا خەۋەرلىرى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek