ئەنگلىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا سالىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتمەكچى بولدى

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ لايىھەدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولدى: چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى كۈچەيتىش ھەم بۇ كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش؛ يالغاندىن توي قىلىش، يالغاندىن ھەمجىنس ئاشىق-مەشۇق بولۇش، يالغان خىزمەت قاتارلىق ساختا ناملار بىلەن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا زەربە بېرىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە دىققەتنى ئەڭ قوزغايدىغىنى يېڭى قانۇن لايىھەسىدىكى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىغا بولغان توساقنى بۇندىن بۇرۇنقى بىر مىليون فوند-سىتىرلىڭدىن ئىككى مىليون فوند سىتىرلىڭغا كۆتۈرۈش بولدى.


ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر نىزامىنى ئەنگلىيە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ھەر يىلى 4-ئاي ۋە 10-ئايدا كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى چىقىرىپ، كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىنچىكە تەڭشەيدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى خېلى چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بىر قېتىملىقى دەپ قارالدى، بولۇپمۇ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىنىڭ توسىقى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ %25 نى قەرەللىك ئامانەت پۇل ياكى ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش تۈرىمۇ بىكار قىلىندى، ئىككى مىليون فوند-سىتىرلىڭنىڭ ھەممىسىنى زايوم، شىركەت زايومى، پاي چېكى ياكى ئەنگلىيە شىركەتلىرىگە سېلىش كېرەك دەپ بېكىتىلدى.


ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ؟ كەسپىي تەھلىلچىلەر بۇنىڭغا پۇلنىڭ كەملىكىدىن بولدى دەپ جاۋاب بەردى. بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئىقتىسادى بىر يىلدىن بۇيان سەل ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن مالىيە قىزىل رەقىمىدىن باشتىن-ئاخىر قۇتۇلالمىدى. شۇڭا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشتىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىپ، ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، چەتئەللەردىن كەلگەن ئۆي مۈلۈك مەبلىغى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، بۇ-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولدى دەپ قارالدى؛ ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ھەم ئاممىنىڭ سىرتتىن كەلگەن مەبلەغنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكىگە بولغان نارازىلىقى ھەم ئاغرىنىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يېڭى لايىھەدە كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ دېگەن تۈر بىكار قىلىندى ھەم مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تەلەپ قىلىندى.

 

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنگلىيە كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، زايوم، پاي چېكى، شىركەت زايومىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقمۇ ئوخشاشلا نەپكە ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ-خالاس. ئەنگلىيەدە كېلەر يىلى چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى، بولۇپمۇ ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئىككى مىليون فوند-سىتىرلىڭنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئۆي مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىشى پۈتۈنلەي ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىشنى ئويلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە يېڭى قانۇن لايىھەسىدە 20-ئۆكتەبىردىن تارتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشمۇ ئەلرايىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئىش دەپ قارالدى.


يۇقىرىدىكى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ سوممىسى ھەم تۈزىتىلمە لايىھە 6-نويابىردىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئەمما بۇندىن بۇرۇن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، كۆچمەنلىك ۋىزىسىغا ئېرىشكەنلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنە بىر خىل قاراش شۇكى، ئەنگلىيەنىڭ مۇشۇنداق چاغدا كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى چىقىرىشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا كۆچمەنلەر مۇھىتى بىلەن ئۇيغۇنلاشقانلىق. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئايدا كانادا كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سالىدىغان بارلىق ئىلتىماسنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئامېرىكا 9-ئايدا بۇ يىللىق كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋىزا سانىنىڭ توشۇپ بولغانلىقى، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ تەرتىپ بويىچە ئۆچىرەت ساقلاش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشى بولۇپ، باھانى ئۆستۈرۈشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشقا ئايلانغان. كەسپىي ئەربابلار ئومۇمىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەنگلىيەنىڭ بۇ قېتىم مەبلەغ سوممىسىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش دولقۇنىغا سوغۇق سۇ سەپمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېيىشتى.



خەتكۈچلەر:
02-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek