جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكلاتى»ISIS كە قارشى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ تەلافەر رايۇنىغا يېقىن بىر مەسچىتكە قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ISIS تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك رەھبىرى ئەبۇ ئەلا ئافارىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىراق مۇداپىئە مىنىسترلىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، « ئېنىق ئاخبارات ئۇچۇرى» غا ئاساسلانغاندا، ISIS كە قارشى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بىر مەسچىتكە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە ISIS تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك رەھبىرى ئەبۇ ئەلا ئافارىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدار، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ تەلافەرگە يېقىن ئىيادىيە رايۇنىدىكى ISIS تەشكىلاتىنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقان «شەھىدلەر مەسچىتى» گە قىلىنغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمدا ISIS تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنجى نومۇرلۇق رەھبىرى ئەبۇ ئەلا ئافارىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ISIS تەشكىلاتىنىڭ ئەبۇ ئەلا ئافارى دەپ تونۇلغان ئىككىنجى نومۇرلۇق رەھبىرىنىڭ ھەقىقى ئىسمى بولسا ئابدۇرراھمان مۇستاپا مۇھەممەد ئىكەن.
ئەبۇ ئەلا ئافارى دەپ تونۇلغان بۇ شەخىس ISIS تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر بەغدادىدىن قالسىلا تەشكىلاتنىڭ ئىككىنجى چوڭ رەھبىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «بەش بۈرجەكلىك بىنا» تەرەپ، بۇ خەۋەرگە ئالاقىدار دوكلاتنىڭ بارلىقىنى ، ئەمما تېخىچە مۇقىملاشتۇرالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved