جۇڭگو تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.رەسىمدىكى بۇ جاي ئەسلىدە كاردولا كەنتىنىڭ چېركاۋى بولۇپ ،بۇ خىرىستىيان ئەسكەر ئىسلام دۆلىتى رادىكال تەشكىلاتى بىلەن بولغان كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلغان بىراق بەختكە قارشى يېرى شۇكى ،ئىسلام دۆلىتى رادىكال تەشكىلاتى شۇ قېتىملىق كەسكىن جەڭدىن كېيىن ،يەنى ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەريانىدا بۇ چېركاۋنىڭ يۇمىلاق شەكىلدىكى ئۆگزىسىنى پارتىلتىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن .
چۈنكى شۇ قېتىملىق جەڭدە خىرىستىيان ئەسكەرلەر بۇ چېركاۋدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارغا زەربە بەرگەن .
جۇڭگو تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسىدا دېيىلىشىچە ،پارىژ مۇسابىقە رەسىملىك ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدا ،نەچچە ئاي بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئەسلى تۇپرىقىدىكى ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە يۈزلىگەن خىرىستىيان يىگىتلەر بىرلىشىپ بىر ئارمىيە بولۇپ تەشكىللەنگەن ھەمدە كۇرد قورالىقلىرىنىڭ جەڭ تاكتىسىكى بويىچە ھەمكارلىشىپ ،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دۆلىتى رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بەرگەن ۋە شۇ يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان زەربە ۋە يوقىتىشقا قارشى تۇرغان .
سۇرىيە جېڭىدە ھەرىكەتكە قاتناشقان خىرىستىيان ئەسكەرلىرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ سۈرەت ۋە سىنغا ئېلىشقا قاتناشقا كىرىستوف ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ سۇرىيەنىڭ خىرسىتىيان دىنى بىر سىرلىق نامايەندە ،ئۇ غەرپلىكلەرنىڭ يىراقلاشقىنىغا ۋە يوقىتىپ قويىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئازا ب ئوقۇبەتلىرى ئارىسىغا يۇشۇۇرنغان .
مەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نۇرغۇنلىغان قانلىق جەڭلەرنىڭ ۋە ئاجىز ئاياللار بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە شاھىت بولدۇم ،ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۇرۇش ئالدىدا بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمىدى ،بۈگۈن بۇ ياش خىرىستىيان ئەسكەرلىرى بىر ئازمۇ كەينىگە چېكىنمەي ،ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىي ئۈچۈن ،قەتئىي ئىرادە بىلەن جەڭ قىلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved