ھىندىستان «سودا ئۆلچىمى گېزىتى»نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند گۈرۈچ ئېكىسپورت سودا جەمئىيىتى، 2015-يىلى ھىندىستان تايلاندنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ گۈرۈچ ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ گۈرۈچ ئېكىسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 10 مىليون 230 مىڭ توننىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تايلاند گۈرۈچ ئېكىسپورت سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چاروئېن 2015-يىلى تايلاندىنىڭ توققۇز مىليون 800 مىڭ توننا گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ تايلاند گۈرۈچ ئېكىسپورتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپمۇ گۈرۈچكە بولغان ئېھتىياج مىقدارى يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە تەسىر يەتكۈزگەن دەپ قارىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى ھىندىستان 10 مىليون 230 مىڭ توننا گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ گۈرۈچ ئېكىسپورت دۆلىتى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن قالسا تايلاند ئىككىنچى، ۋيېتنام ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved