جۇڭگو ھۆكۈمىتى 13-يانۋار «جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە قاراتقان سىياسىي ھۆججىتى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس ۋە تاراتقۇ ئەربابلىرى ئىجابىي پىكىر ۋە يۇقىرى باھا بېرىپ، ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىيوردانىيەنىڭ ئاخبارات ۋەزىرى قوشۇمچە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇمانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تارىخىي ھۆججەت جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلىرىدە كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى بار، بىز مەدەنىيەت ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ھەم ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
پەلەستىننىڭ سىياسىي ئىشلار تەھلىلچىسى سەمىر ئانابۇتاۋى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئەرەب دۇنياسى خەتەرلىك ۋە قىيىن باسقۇچتا تۇرماقتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىلغان سىياسىي ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ ئەرەب دۇنياسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى ئەرەب ئەللىرىگە نىسبەتەن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئانابۇتاۋىنىڭ قارىشىچە، ئەرەب ئەللىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىشكە، رايونلار تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە موھتاج ئىكەن، ھالبۇكى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان رايونلار قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىدىيەسى دەل ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
شەرقىي يېرۇسالېم مۇقەددەس شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەھمەد لافىك ئاۋاد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دىپلوماتىك ئالاقىدە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاپ كەلدى، بۇ ھۆججەتتە جۇڭگو مۇستەقىل پەلەستىن قۇرۇشنى قوللاپتۇ، پەلەستىن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى.
ئالجىرىيەنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي تەھلىلچىسى فەرخاد ئېيت ئالى مۇنداق دېدى: ئەرەب ئەللىرىدە ئوخشىمىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە سىياسىي قۇرۇلما مەۋجۇت، تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئەمەس بىراق جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر قوبۇل قىلالايدىغان قاراش ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ جۇڭگونىڭ بارلىق ئەرەب ئەللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو بۇ ھۆججەتتە يەنە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەپتۇ، بۇمۇ خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا.
لىۋان ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ پىروفېسسورى مۇھەممەد مەيلىھام مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەت جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگو بىلەن بىر يولدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەممە تەرەپ، كۆپ قاتلاملىق دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
سۇدان سانائەت ۋە سودا جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئادىل مەرجان مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتتىكى يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
سۇداننىڭ داڭلىق ئىقتىساد تەھلىلچىسى ئابدۇللا ھاشىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇ ھۆججەتتە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ مۇقىملىقىغا، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىدەك سىياسىي ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved