شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە دېلو مەلۇم قىلىشنىڭ پەرقى

        جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 84-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخستە ئۆزلىرى بايقىغان جىنايى پاكىت ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ج خ ئورنىغا، تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردا ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچراتقان جىنايى پاكىتى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ج خ ئورگىنغا، تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو مەلۇم قىلىش ياكى شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. قانۇننىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن قارىغاندا، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش دېلو مەلۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ مەنىسى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

1. شىكايەت قىلىش بىلەن پاش قىلىشنىڭ پەرقى. شىكايەت قىلىش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارىلاش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت؛ پاش قىلىش بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنىدىن سىرت، باشقا پۇقرالار ياكى ئورۇنلارنىڭ دۆلەت، جەمئىيەت ياكى باشقا پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارىلاش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

2. شىكايەت قىلىش بىلەن دېلو مەلۇم قىلىشنىڭ پەرقى. دېلو مەلۇم قىلىش ئاۋامنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان بىر خىل دوكلات قىلىش ھەرىكىتى.  يەنى دېلو مەلۇم قىلغۇچى دېلو بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇشى ۋە ياكى دېلو بىلەن ھېچقانداق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى يوق باشقا كىشىلەر بولۇشى، دېلو مەلۇم قىلغۇچى جىنايى پاكىتنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمەسلىكى، ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغۇچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى سۇبيېكتىپ تەلەپلىرىنىمۇ ئوچۇق دەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما شىكايەت قىلغۇچىلار پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى بولغاچقا، شىكايەت قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. شىكايەت قىلغۇچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش-قويماسلىقى شىكايەت قىلغۇچى بىلەن دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەرقى. ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەقەت جىنايى قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشىنى دوكلات قىلىپ، شىكايەت قىلىنغۇچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى ئوچۇق بىلدۈرمىگەن بولسا، دېلو مەلۇم قىلغۇچى بولۇپ، شىكايەت قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەيدۇ.  شىكايەت قىلغۇچى ئەگەر بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەمما دېلو مەلۇم قىلىشقا قارىتا بۇنداق تەرتىپ بەلگىلەنمىگەن.

3. پاش قىلىش بىلەن دېلو مەلۇم قىلىشنىڭ پەرقى. پاش قىلىشتا پەقەت جىنايى قىلمىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىلا پاش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنەغ جىنايەت يۈز بېرىشتىكى ئاساسلىق ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، جىنايەت گۇماندارلىرى يۈرگۈزگەن جىنايەتنىڭ ئاساسلىق پاكىتلىرى ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە پاش قىلىنغان دېلولارنىڭ كۆپ قىسمى پاش قىلغۇچى بىلەن سۇبيېكتىپ جەھەتتە بەلگىلىك باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئەگەر پاش قىلىش ھەرىكىتى قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا تەۋە بولىدىكەن، بۇنداق پاش قىلغۇچى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دېلو مەلۇم قىلىشتا پەقەت جىنايى قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشلا مەلۇم قىلىنىدىغان بولغاچقا، دېلو بىلەن مەلۇم قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت ياكى باشقىلارغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek