پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئىسپانىيە « ماركا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ۋە چېلسىي كۇلۇبى كېلەر يىلى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئۇتتۇرا بېكى فىرانسىيىلىك توپچى ۋارانىنى تالىشىدىكەن.
تېخى ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن ۋارانى بۇ يىل يازدا چېلسىي قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋىر تارقالغان ئىدى. بىراق ئۇ يەنىلا خان مادرىد كۇلۇبىدا قېلىۋەرگەن ئىدى. ئەمدى بۇ فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغان ياش توپچىنىڭ قالتىس ئىپادىلىرى مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ۋان گال نىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«ماركا گېزىتى» مۇنداق كۆرسەتتى. گەرچە خان مادرىد كۇلۇبى چېلسىي كۇلۇبىنىڭ 19 مىلىيۇن ياۋرو باھاسىغا قوشۇلغان بولسىمۇ بىراق مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ چېلسى كۇلۇبىدىن بۇرۇن بۇ ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ياش ئوتتۇرا بېكنى قوشۇۋېلىشىدا ئۈمىد بار.
ۋارانى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ خان مادرىد كۇلۇبىدىكى مەيدانغا چىقىش ۋاقتىنىڭ بەك ئاز بولۇپ قالغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندى. بۇ بەلكىم كېلەر يىلى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش پەسلىدە ئۇنىڭ بېنابۇ توپ مەيدانىدىن ئايرىلىدىغان سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved