جۇڭگو-پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سۆھبىتى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلدى

     2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

   ئۆز مۇخبىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل خەۋىرى: 2-فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن پاكىستاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جۇڭگو-پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ تاراتقۇلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان رادىيو شىركىتى، پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرى، ‹‹قوشنا›› ژۇرنىلى ۋە ئىسلامئاباد ‹‹The Daily Jang›› ژۇرنىلى قاتارلىق تاراتقۇلار ۋە ئورۇنلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېڭى تاراتقۇ ساھەسىدە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ھاسىل قىلدى.

   2-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تاراتقۇلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان رادىيو شىركىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ رادىيو شىركىتى 1947-يىلى پاكىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە قۇرۇلغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ رادىيو شىركىتى پاكىستاننىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. نۆۋەتتە بۇ رادىيو شىركىتىنىڭ كۈندىلىك خەۋەر ئاڭلىتىش سانى 170 كە يېتىدىغان بولۇپ، 30 خىل تىلدا خەۋەر تارقىتىدۇ. گەرچە بۇ رادىيو شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە ئابونتلار كۆچمە تېرمىنال سۇپىسى ئېچىلمىغانىدى. جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ يېڭى تاراتقۇلار ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە مەزمۇن بايلىقى، يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسى قۇرۇلۇشى، تېخنىكا كاپالىتى، ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىشتە ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى.

   پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتى تۇرۇشلۇق ئورۇندا پاكىستان-جۇڭگو ئىقتىساد كارېدورىنىڭ رەئىسى مۇستافا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپ ژۇرنال، تور بېكەتلەردىن كېيىن، پاكىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ 3-كۆچمە ئابونتلار تېرمىنالى ـــ يېڭى تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىش توغرىسىدا مۇھىم، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ‹‹چېگرىسىز خەۋەرلەر›› ئوردوچە كۆچمە ئابونتلار تېرمىنالى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى ئورگان تەرەپنىڭ بىردىنبىر دۇنياغا يۈزلىنىپ ئۇچۇر تارقىتىدىغان ئوردوچە تاراتقۇ ۋە سۇپىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورىنىڭ ئورگان تورىنى تەڭرىتاغ تورى، چېگرىسىز تاراتقۇ تور بېكىتى بىلەن ئۆزئارا ئۇلاش بېكىتىلدى.

   جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھاپىز تاھىر، كارل، باش كاتىپى سەيىد باجىر ساجىد قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپ يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسى قۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ تور پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى كېڭىشىپ بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورىغا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلغان تور پائالىيەتلىرىنى ئورتاق پىلانلاندى، ‹‹جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى ـــ تەڭرىتاغ ئۇچرىشىشى››نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ يېڭى تاراتقۇلار تارقىتىش مۇكاپاتىنى ئورتاق تەسىس قىلىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدىكى مۇنەۋۋەر تاراتقۇلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاشقا قوشۇلدى.

   پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ‹‹قوشنا›› ژۇرنىلى ۋە ئىسلامئاباد ‹‹The Daily Jang›› ژۇرنىلىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپ تاراتقۇ سەھىپىلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، بولۇپمۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئوردوچە ئۈچ خىل تىلدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

   بىر قاتار سۆھبەتلەردە كەڭ دائىرىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىقنىڭ قەلب كۆۋرۈكىنى ئورتاق قۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇلارنى سۇپا قىلغان جۇڭگو-پاكىستان مەدەنىيەت كارېدورىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

2-فېۋرال، پاكىستان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى يانفوندا چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە كۆچمە ئابونتلار تېرمىنالىنى كۆردى.

2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرى بىلەن يېڭى تاراتقۇلار ئابونتلار تېرمىنالى قۇرۇش ھەققىدە پىكىرلەشتى.

2-فېۋرال، ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتى ‹‹قوشنا›› ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek