فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى تۈنۈگۈن دۇنيا كارخانا ساھەسىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ھوللاندى تۈنۈگۈن شۋېيتسارىيەنىڭ داۋۇستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىساد سودا ساھەسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھاياتى كۈچى، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىش كېرەك.
ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى خەلقئارا، دۆلەتلەر ۋە كارخانا ساھەسى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھوللاندى مۇنداق دېدى: تېررورىزىمغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مالىيە مەنبىيىنى ئۈزۈۋېتىشى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كارخانىلار تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved