رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىغا تامامەن ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكا ياۋروپاغا ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرسا بۇ شەرتنامىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى. ئۇلار باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىگە تەشۋىقات جېڭى ئېلان قىلىشتىن مەقسىتى- رۇسىيەنىڭ نوپۇزىنى چۈشۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىلمىشلىرىغا بولغان دىققىتىنى بۇراش. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پولشا ۋە رۇمۇنىيەگە جەڭ پالتىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىگە بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلغانلىق. ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى سىناق قىلغاندا ئىقتىدارى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نىشانلىق ئوق ئىشلىتىشىمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved