1. ئەگەر كىيىمگە ئۆسۈملۈك مېيى يۇقۇپ قالسا، ئاۋۋال بىر ئاز چىش پاستىسىنى كىيىمدىكى ماي يۇقۇپ قالغان ئورۇنغا سۈركەپ، ئاندىن بىر قانچە قېتىم ئۇۋۇلاپ پاكىز سۇ بىلەن سۈرتىۋەتسەك، ماي داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرت بىلەن ئاش تۇزى ئېرىتمىسىنى ماي يۇقۇپ قالغان ئورۇنغا تېمىتىپ سۈرتىۋەتسەكمۇ ماي داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
2. ئەگەر چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك مېيى كىيىمگە يۇقۇپ قالسا، ئاۋۋال كىيىمدىكى ماي يۇقۇپ قالغان ئورۇننى ئىلمان تۇز سۈيى ئېرىتمىسىگە بىر دەم چىلاپ قويۇپ، ئاندىن كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. كىيىمدىكى ماي داغلىرىغا مەلھەم دورىلار ياكى شىلىم تۈرىدىكى باشقا يېپىشقاق ماددىلار چاپلىشىپ قالسا، مەلھەم ياكى يېپىشقاق ماددىلار قۇرىغاندىن كېيىن بۇلارنى ئاۋايلاپ چىقىرىۋېتىپ، يەنە يۇقىرىقى ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ.
3. ئەگەر يىپەك رەختلەرگە ماي يۇقۇپ قالسا، تالك پاراشوكىدىن تەييارلانغان مەلھەمنى ماي دېغى بار ئورۇنغا سۈركەپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەلھەمنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن يىپەك رەخت ئۈستىگە نېپىز قەغەزنى قويۇپ، دەزمال بىلەن دەزماللىۋەتسەكلا بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved