مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر، ئىچكى قىسىمىدا ئىنستىتۇت ، فاكۇلتېت، بۆلۈم تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەر ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇن كۇنسۇلتاتسىيە ۋە ئىمتىھان كۇرسىنى تەشكىللىشى ياكى ئېچىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سەنئەت تۈردىكى كەسپىي ئىمتىھاننى تەشكىللەش باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. جايلار ياكى ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھان تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغۇچىلار ئۆزىنى چەتكە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، يېتەكچىلىك مۇناسىۋىتى ھەمدە باشقا پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئىمتىھان تەكشۈرگۈچىلەر ئىمتىھاندىن بۇرۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىشى ياكى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئەھۋالنى يوشۇرغۇچىلار بايقالسا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان باھالىغۇچىلار قارا تىزىملىكىنى مەلۇم قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللىگەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتىگە ئۆمۈر بويى قاتناشتۇرماسلىق لازىم.
![]() |
12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved