جياڭشى ئۆلكىسى 10-يانۋار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر H5N6 قۇش زۇكىمى بىمارىنى دوكلات قىلدى. بۇ بىمار كۆكتات ساتىدىغان بولۇپ، تىرىك قۇشلار بىلەن ئۇچراشقان ھەم تىرىك قۇش بازىرىغا بارغان، بۇ بىمار داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇندىن بۇرۇن، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن H5N6 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە بىمارنى دوكلات قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر تىرىك قۇش بازارلىرىنى تېزدىن تاقاپ، H5N6 قۇش زۇكىمىنى تارقىلىپ كېتىشتىن توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.H5N6 قۇش زۇكىمى بۇندىن بۇرۇن قۇش تۈرلىرى ئارىسىدا تارقالغان H5N1 قۇش زۇكىمى بىلەن بىر تۈرگە تەۋە، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ-H5N1 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن H6N6 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى قايتا بىرىككەندىن كېيىن پەيدا بولغان ۋىرۇس دېدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ فۇ مۇنداق دېدى: تىرىك قۇش بازارلىرىدا نۇرغۇن H5N6 ۋىرۇسى ساقلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بۇنىڭدىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ، قۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندا تەبىئىيلا يۇقۇملىنىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. نۆۋەتتە، شىمالدا بۇ خىل ۋىرۇس ئاز بولۇپ، بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى جەنۇبقا مەركەزلەشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved