باش مىنىستىر لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بىرلىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن بىرلىكتە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە «ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئالتۇن پەسلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىرتقا ئىچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەيمىز. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئىچىۋېتىشى تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچىۋېتىش. رايون جەھەتتە شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى قۇرۇقلۇققا، چېگرا رايونلىرىغا كېڭەيگەن، كەسىپ جەھەتتە ياسمىچىلىقنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىپلا قالماستىن، مۇلازىمەت كەسپىنىمۇ ئېچىۋېتىشنى تېزلەتتى، يول جەھەتتە ئىمپورت قىلىش بىلەن ئېكىسپورت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە.
جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى تېجارەت داۋامىدىكى تېخىمۇ قېلىپلاشقان، ئادىل ئىچىۋېتىش، چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار ۋە ئىچكى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار- جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەركىۋى قىسمى. بىز بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش، سىياسەت جەھەتتە قوللاش، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئىچىۋېتىشى- ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىككى تەرەپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئىچىۋېتىش، ئۆز دۆلىتىگىمۇ، دۇنياغىمۇ بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان سىرتقا ئىچىۋېتىش ئىستىراتىگىيەسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئادىل يەر شارى بازىرىنى قۇرىدۇ ۋە ئىچىۋېتىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت ياراتسا بولىدۇ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك قىلىپ، ئەقىل پاراستى بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved