شىنخۇا
ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە
مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 8-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ
جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋامۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلغانلىقىغا دائىر
بايانلىرى
توغرىسىدا
مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان
سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىشىقا دەۋەت قىلدى.
مۇخبىر
مۇنداق سورىدى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى
كاتىپى كېررى 7- كۈنى ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى
قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا
مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. جۇڭگو
بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
خوڭ
لېي مۇنداق دېدى: شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلىش- ئىگىلىك
ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغان جۇڭگونىڭ ھەققانىي ھوقۇقى بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە
خەلقئارا ئادەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن. ئامېرىكا 60 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ھاۋا مۇداپىئە
پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلغان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەققانىي، قانۇنلۇق
ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى توغرىسىدا بىلجىرلىشىغا قانداق سالاھىتى بار؟
خوڭ لېي مۇنداق دېدى: ،
رايون مۇقىملىقى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئامېرىكىنى
مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىشىقا دەۋەت قىلىمىز.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved