دۇنيا خەۋەر تورى 1-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر سوت مەھكىمىسى بۈگۈن 4 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى، سوت مەھكىمىسى يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسىغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئېلان قىلدى. مىسىردا قاھىرە سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى 3-ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن «تېرور تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 4 ئەزاسىغا 2013-يىلى 30-ئىيۇندا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قاھىرەدىكى مەركىزى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىسمى تۈۋەندىكىچە؛ ئابدۇررەھىم مۇھەممەد ئابدۇررەھىم، مۇستافا ئابدۇلئەزىم بەشلاۋى، مۇھەممەد ئابدۇلئەزىم بەشلاۋى ۋە ئاتىف ئابدۇلجەلىل سەمرا…. سوت مەھكىمىسى يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى، ياردەمچىسى خەيرەت شاتىر، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن مۇھەممەد بىلتاجى، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي تارمىقى «ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيىسى» رەھبىرى سائاد كاتاتنى ۋە ياردەمچىسى ئەسسام ئەرىيان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. 2013-يىلى 30-ئىيۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قاھىرەدىكى مەركىزى يېنىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردا 11 كىشى ئۆلۈپ، 90 كىشى يارىلانغان ئىدى. مىسىردا سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى دىكابىر ئېيىدا چىقارغان بولۇپ، ئارخىپنى مىسىر مۇپتىسىغا(قازى) ئەۋەتكەن ئىدى. مۇپتىدىن كەلگەن كۆز-قاراشقا ئاساسەن سوت مەھكىمىسى ئۆزى چىقارغان قارارنى ئىجرا قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە. «رەھبەلىك ۋەقەسى» دەپ تۇنۇلغان بۇ داۋادا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزالىرى قۇرال ساقلاش، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى بىلەن سوتقا تارتىلغان ئىدى، بۇ قارارنىڭ ئاقلاش يولى ئاشكارا. مىسىردا 3-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن بۇيان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە بىر قانچە ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 22 مىڭ كىشى قولغا ئېلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved