جاھان ئاگېنتلىقى 12-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئىراقنىڭ سالاھۇددىن ۋىلايىتىدىكى ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نىفىت رايۇنى بەيجى نىفىتلىكىگە كىردى. ئەنبار ۋىلايىتى مۇئاۋىن باشلىقى، رامادى رايۇنىنىڭ ISISنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.
ISIS تەشكىلاتى سالاھۇددىن ۋىلايىتىدە تىكرىتتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىلگىرلەش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، تەشكىلات تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ۋىلايەتتىكى ئەڭ چوڭ نىفىت رايۇنى بولغان بەيجىدە بىر قانچە نوقتىنى كونترول قىلىۋالدى. تەشكىلات ئىراق ئارمىيىسى ۋە ئارمىيەنى قوللاۋاتقان شىئە قۇراللىقلار بىلەن توقۇنىشىۋاتىدۇ. شەنبە كۈنى كەچتە نىفىت رايۇنىنىڭ يېقىلغۇ ئامبىرى ۋە بىر قانچە بىنالار ISIS تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.
ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نىفىتلىك رايۇنى 18-ئىيۇندا ISIS تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنغان ئىدى، ئەمما ئارمىيە ۋە شىئە قۇراللىقلارنىڭ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ISIS بەيجى نىفىتلىكىدىن چېكىنگەن ئىدى.
ئەنبار ۋىلايىتى مۇئاۋىن باشلىقى فالىھ ئىساۋى، ۋىلايەتتىكى رامادى شەھىرىنىڭ ISIS نىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارا ئىتتىپاقتىن ISIS كە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشىنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت ياردەمچىسى ئۇسامە نۇجەيفى، ISIS كە قارشى كۈرەش بىرلەشمە ئىتتىپاقتىن ئەنباردىكى تەشكىلات نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved