پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەر ئاخىرلىشىپ سەككىز كۈچلۈك ئېنىق بولدى. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ كۈچپۈك كوماندىنىڭ ھەممىسى سەككىز كۈچلۈككە كىردى. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن ھېچقايسى كوماندا كىرەلمىدى. بۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى سەككىز كۈچلۈككە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ كىرەلمەسلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى سەككىز كۈچلۈك كوماندىلار:
پورتو كۇلۇبى ( پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى.)
خان مادرىد كۇلۇبى (ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى (فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى ( گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ( ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
موناكو كۇلۇبى ( فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
بارسېلونا كۇلۇبى ( ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
يۇۋىنتىس كۇلۇبى ( ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. )
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مڭسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىغا بۆلۈش چەك تارتىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 19:00 دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved