يېقىنقى ئككى يىلدىن بۇيان 120 مىڭ ئادەم بىخەتەرلىك ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قازا قىلغان

جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ 23 – چىسلا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭدۇڭلىياڭ ، يېزا ئىگىلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خەنچاڭفۇ ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى لۇجىۋېي ئايرىم ئايرىم ھالدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ، يېڭىچە يېزا بەرپا قىلىش ، مالىيە باج سوممىسىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالنى مەملىكەتلىك دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يىغىندا دوكلات قىلدى .

بۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئالتە نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى ئۈچۈن جازالانغان .
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش


كېلەر يىلى ئاز دېگەندە 2000 دانە كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كاننى تاقاش دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭدۇڭلىياڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت دوكىلاتى بەرگەندەمۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى ، بۇ يىل ئالدىنقى 11 ئايدا مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدىن جەمئىي 269 دانە يۈز بەرگەن . ئۆتكەن يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەقەسىدە 6 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ، 72 نەپەر ئىدارە دەرىجىلىك ئەمەلدارغا جازا بېرىلدى .
بىخەتەر ئىشلار ۋەقەسى


ئالدىنقى 11 ئايدا ۋەقەدە قازا قىلغانلار 57 مىڭ

ياڭدۇڭلىياڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، بۇ يىل 8 – ئايىدىن بىرى ئاساسلىقى ئالاھىدە كۆمۈر كان ، خەتەرلىك خىمىيە بويۇملار ، گاز تۇرۇبا يوللىرى قاتارلىق كەسىپلەرگە قارىتا ، بىر لىكتە ‹ئالتىگە زەربە بىرىپ ئالتىنى تۈزەش › پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى توسۇش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى 453 مىڭ دانە ، تەكشۈرىدۇ ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن 2 مىليون 342 مىڭ ئورۇن . زەربە بىرىپ تۈزىگەن ئورۇن 1 مىليون 278 مىڭ ، ئىشتىن توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇلغان ئورۇن 7700 دانە ، تاقىۋېتىلگەن ئورۇن 5000 دىن ئارتۇق .


ئۇنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە ، ھازىر ۋەقەنىڭ سانى يەنلا يۇقىرى ، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 309 مىڭ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن ، 69 مىڭ ئادەم قازا قىلغان . بۇ يىل 1 – ئايدىن 11 – ئايغىچە جەمئىي 269 مىڭ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن ، 57 مىڭ ئادەم قازا قىلغان . ئېغىر چوڭ ۋەقە لەرمۇ يۈز بەرگەن . ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 49 قېتىم ئېغىر چوڭ ۋەقە يۈزبەرگەن . 865 نەپەر ئادەم قازا قىلغان . بۇ يىل 1 – ئايىدىن 11 – ئايىغچە 37 قېتىم يۈزبەرگەن ، 685 نەپەر ئادەم قازا قىلغان . بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەنە 5 -8 گىچە كەم ئىكەن .


ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، ئۆتكەن يىلى يۈزبەرگەن 49 قېتىم ئېغىر ۋەقەنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلىپ دېلو ئاياغلاشقان ، بۇ يىل يۈز بەرگەن 37 قېتىمقى ئېغىر ۋەقەنىڭ 25 تەكشۈرۈلىپ بولغان ، ئومۇمىي چېتىشلىق ئادەم 1613 نەپەر ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم 509 نەپەر ، سىياسىي جازا بىرىدىغان ئادەم 1099 نەپەر ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر ، 72 نەپەر بازىر دەرىجىلىك كادىر ، 298 نەپەر ناھىيە دەرىجىلىك كادىر بار .



خەتكۈچلەر:
25-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek