2016-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى: ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيىسى ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئورېگون شىتاتىدىكى فېدراتسىيە ھايۋاناتلارنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئىگەللىۋالغان «قوراللىق نامايىشچىلار» نىڭ ئاتامانى- ئەنمېڭ باندى بىلەن ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى مەلۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇش جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيىسى ئاخبارات تورى (CNN) غا ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى نەق مەيداندىن ئىككى ماشىنىنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا، لاۋوي فىنىكوم (LaVoy Finicum) بىلەن باندىنىڭ قېرىندىشى- رۇيئېن باندى ساقچىلار بىلەن تىركىشىش يولىنى تاللىغاندىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ساقچىلارغا تەسلىم بولغان. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئوق چىقىرىشقان بولۇپ، لېكىن زادى قايسى تەرەپنىڭ ئالدى بىلەن ئوق چىقارغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. توقۇنۇشتا، رۇيئېن باندى ئوق تېگىپ يارىلانغان، لاۋوي فىنىكوم بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان سەككىز ئادەمنىڭ ھەممىسى فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر جىنايى قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونىنى ئىگەللىۋىلىش قىلمىشى بولسا زوراۋانلىق ئىشلىتىش، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق يەرنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىپ، ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايى قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن فىنىكوم بولسا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئىگەللىۋىلىشتا ناھايىتى داڭ چىقارغان ئادەم بولۇپ، ئۇ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇرنىس ئەتراپىدىكى مالۇر دۆلەتلىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونى خىزمەت بىناسىنى ئىگەللىۋىلىشقا قاتناشقان ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەر-زېمىن سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved