11-يانىۋار چۈشتىن كېيىن ئىككىلەردە، نەنچاڭ شەھىرى خۇيڭ گۇتەن خاۋ جياڭ يولىدا بىر توكلۇق ئاپتوموبىل
2016-يىلى 13-يانىۋار جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 30-ئايلانما مۇسابىقىسى، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. گەرچە جوۋچى يەنىلا مەيدانغا چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق گۇدلوك بىلەن بلاتچى ئىككەيلەن 61 نومۇر تۆھپە قوشۇپ نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 112:103 نومۇر پەرقىدە شاڭخەي كوماندىسىنى يېڭىپ ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرلەشمە جۇغلانما نومۇرى تىزىملىكىدە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە سەككىز كۈچلۈككە ئوڭۇشلۇق كىردى. (پەسىلدىن بۇرۇنقى 30 ئايلانما مۇسابىقە ئاياغلاشتى)
شىنجاڭ كوماندىسى تەرەپتە گۇدلوك 35 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشىپ، 3 قېتىم پاس ئۈزدى، بلاتچى 26 نومۇر 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشىپ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، 3 قېتىم پاس ئۈزۈپ، 2 قېتىم قالپاق كەيدۈردى، شىرئەلىجان 15 نومۇرغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
![]() |
پورتۇگالىيەلىك چولپان رونالدو يېقىندا ئالاقە تورىغا ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يوللىغان، سۈرەتتىن بۇ ئاتا بالىنىڭ بىر بىرىگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved