ITئائىلىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ۋىلسىپىتنىڭ چاقىنىڭ 5000 يۈەنگە سىتىلىشى ،بەلكىم نۇرغۇن قىزلارنىڭ ‹باۋما ئىچىدە يىغلاشقا رازىمىزكى،ۋىلسىپىت ئۈستىدە كۈلمەيمىز›دىگەن كۆز-قارىشىنى ئۆزگەرتتى.
بۇ قاراشقا كونىلىقنى ئاساس قىلغان ،نامى Copenhagen دەپ ئاتىلىدىغان بۇخىل چاق،2009-يىلىلا لاھىيلەنگەن بولۇپ،لىكىن كىيىن ماسسا چۇسىتېس شىتاتى تەبىئىي پەن تەجرىبىخانىسىSENSEable City Lab دا يەنە 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ياشاپ چىقىلغان
Superpedestrian شىركىتى ئىشلەپ چىقىرىپ ساتىدۇ.
گەرچە سىتىش باھاسى تۆۋەن بولمىسىمۇ،لىكىن ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق---پەقەت Copenhagen ئۈسكىنىسىنى ھەرقانداق ۋىلسىپىتكە ئورنىتىپ قويسىلا بولىدۇ.
لىكىن بىر ۋىلسىپىت چاقى زادى نىمىمۇ قىلالىسۇن؟
بىرىنجىدىن ،
ئەقلىي-ئىقتىدارلىق ئىندۇكسىيە قوزغاتقۇچ.
Copenhagen چاقىنىڭ ئىچىگە باتارىيە (توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لىتىي باتارىيسى)ۋە موتور(ئامرىكا 350 ۋات،ياۋروپا 250 ۋات) ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ۋىلسىپىت دۆڭدىن چۈشكەندە ياكى تىپىشتىن توختىغاندا،ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ساقلاپ قىلىپ،قايتا كۈچ ئىشلەپ چىقىرىدۇ.بۇ چاق يەنە سىزنىڭ ۋىلسىپىت ھەيدەش ئادىتىڭىزنى ئىسىدە ساقلىۋىلىپ،ياردەم كىرەك بولغاندا سىمسىز پىدال سىستىمىسى داۋاملىق مىڭىشقا ياردەم قىلىدۇ،ۋىلسىپىتكە ئادەتتىكى ۋىلسىپىتكە قارىغاندا 3 ھەسسە ئارتۇق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ چاق دۆڭگە چىققاننى سىزەلەيدۇ ۋە ئاپتوماتىك ھالدا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلەپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بىرىدۇ.يەنە بىر قىتىم دۆڭگە چىققاندا ئىچىدىكى موتور ياردەم قىلىدۇ.ھەتتا بۇ خىل ياردەم كۈچى سىزنىڭ تىپىش ھەركىتىڭىز بىلەن تىزلا ماسلىشىپ،سىزگە تاشقى كۈچنىڭ بارلىقىنى بىلىندۈرمەيدۇ،قانچىلىك ئۇزۇن ،قانچىلىك دۆڭ يەرلەردىمۇ ئاسانلا مىنەلەيسىز.Copenhagen چاقى سۈرەت ئۆزگەرتەلەيدۇ،ئەڭ تىز بولغاندا بىر سائەتتە 25 كىلومىتىر ماڭالايدۇ.
ئىككىنجىدىن،
بۇ خىل چاق كۆك چىش ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلىفۇن بىلەن تىپىشالايدۇ،بازار ئاچقۇچىلار ھەقسىز Android ۋە iOS سىستىمىلىرىدىكى ئەپ بىلەن مىنگۈچىلەرنى تەمىنلەيدۇ.بۇ خىل ئەپنىڭ ناھايىتى قالتىس ئىقتىدارلىرى بار،مەسىلەن:ئوخشىمىغان مىنىش نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،چىنىقىش نۇسخىسى ۋىلسىپىت مىنگۈچىنىڭ كالورىيە ئىسراپ قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ،لەيلەش نۇسخىسى سىزگە ئەگرى -توقاي يەرلەردىمۇ خۇددى تۈز يەردە مىڭىۋاتقان تەسىر بىرىدۇ.بۇ ئەپ يەنە ئاپتوماتىك ئورۇن بەلگىلەپ،ماڭغان يوللارنى خاتىرلەيدۇ،مىنگۈچىنىڭ سەرپ قىلغان ئىنىرگىيەسىنى ھىسابلايدۇ.‹تىز شىركىتى›نىڭ دىيىشىچە،بۇ ئەپ يەنە ئاپتوماتىك قۇلۇپ سىلىش،قۇلۇپ ئىچىشنى قىلالايدۇ(كۆك چىش ئارقىلىق ۋىلسىپىت ئىگىسى بىلەن ۋىلسىپىت ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى خاتىرلەيدۇ،لىكىن ۋىلسىپىتنىڭ يۈتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زاپاس قۇلۇپ ئىشلىتىش كىرەك)،يولنىڭ تۈزۈلىشىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
Copenhagen چاقى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە يۇمشاق دېتال خالتىسى بىلەن تەمىنلەپ مىنگۈچىلەرگە تىخىمۇ سەرخىل ئەپ نۇسخىسى تەمىنلەيدۇ،يەنە بىر نۇقتا ---بۇ چاقنى ھەر خىل ھاۋارايىدا ئىشلىتەلەيسىز.
ھازىر،Copenhagen چاقى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ،جوڭگۇدىمۇ سىتىلىشقا باشلىدى،سىتىش باھاسى 878.99 ئامرىكا دوللىرى بولۇپ،بىر يىللىق ھەقسىز رىمونت كاپالەتنامىسى بار.
بۇ خىل چاق ھەرخىلدىكى ۋىلسىپىتلەرگە ماس كىلىدۇ،ھازىر سىتىلىدىغان ئۆلچەمدىن 700C ۋە 26 ديۇم بولۇپ،ئەگەر ئۆزىڭىزگە قايسىنىڭ لازىملىقىنى بىلمىسىڭىز،سىتىش خادىملىرى سىزنىڭ ماس كىلىدىغان چاق سىتىۋىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ---LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved