چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشالىق بىر ئەر سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. يېقىندا ئۇ ئەنگىلىيەدىكى بىر تېز تاماقخانىدا بايقالغان بولۇپ، ئۇ ئىشلىگەن تاماقخانا ساقچى مەھكىمىسىگە 250 مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلار بۇ ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 28 ياشلىق بۇ جىنايەتچى 2007-يىلى پولشادىكى ئىككى پۇتبول كوماندىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ جىدىلىدە بىرەيلەننىڭ ئۆلۈپ، بىرەيلەننىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەم قېچىپ كەتكەن. پولشا ساقچىلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ ياشنىڭ ئەنگىلىيەگە كەلگىنىگە تۆت يىل بولغان بولۇپ، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلغانلىقى ، قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved