مىكروسوفت بۈگۈن Windows 10 نى رەسمى ئېلان قىلدى
بۈگۈن مىكروسوفت يەرشارىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا يېپيىڭى Windows 10 سېستىمىسىنى ئېلان قىلدى. مىكروسوفتنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئۇچۇرىدا ،بارلىق Windows 7 ۋە Windows 8 ئابونتلىرى سىستىمىنى بىر يىل ئىچىدە ھەقسىز Windows 10 سىستىمىسىغا يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.ھەتتا ئوغرى نەشىردىكى ئابونتلارمۇ سىستىمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
مىكروسوفت تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ،ئىلگىركى ئىككى ئەۋلات مەھسۇلاتقا سېلىشتۇرغاندا Windows10 كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئويۇن ئۈسكۈنىسى بولغان Xbox One نى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ.
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ سىناق نۇسخا Windows10 نى سىناپ بېقىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،Windows10 نىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ،ۋەزىپە سىتونى لاھىيەسى، ئىكران يۈزىدىن پايدىلىنىش جەھەتلەردىن روشەن ئىلگىرىلەش بولغان.
يېڭىلاش ئادرىسى:
https://www.microsoft.com/zh-cn/software-download/windows10
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved