ئايفون كەسپىنى بىر «دۆلەت» دېسەك، ئۇنداقتا ئۇ زادى قانچىلىك باي؟

   ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايفون ئۇنىڭ ئۈچۈن «بىر تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، «ئالما شىركىتىنىڭ بايلىقى بىر دۆلەتنىڭ بايلىقىغا تەڭلىشىدۇ» دېيىش ھەرگىزمۇ ئوينىشىپ ئېيتىلغان گەپ ئەمەس.


    ئالما شىركىتىنىڭ سېتىش سوممىسى يىقىندا يەنە بىر قېتىم رېكوردنى بۇزۇۋەتكەن. گەرچە ھازىر ئايفوننىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، بۇلتۇر جەمئىي 74.8 مىليون دانە ئايفون سېتىلغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى 2015-يىلى ئايفون كەسپىدىن ياراتقان كىرىم 155 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئىستاتىستىكا ئورگانلىرى ئىلگىرى مۇنداق ھېسابلاپ كۆرگەن، يەنى ئەگەر ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون كەسپىنى بىر دۆلەت (ياكى مۇستەقىل ئىقتىسادىي گەۋدە) دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بايلىقى دۇنيا بويىچە 57-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

بۇ دېگەنلىك، ئايفوندىن ئىبارەت بۇ «دۆلەت» نىڭ بايلىقى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان GDP سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالما ئايفون تارمىقىنىڭ بايلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت دۆلىتى كۇۋەيتتىنلا كىيىن تۇرىدىغان بولۇپ، ئانگولا، ۋېنگرىيە ۋە ئۇكرائىنا دېگەندەك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن.

ئەگەر ئالما شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق ئومومىي كىرىمىنى قوشساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بايلىقى پورتۇگالىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرالايدىكەن (ئەڭ يېڭى GDP غا ئاساسلانغاندا). ۋېيفېڭ تورى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما ئايفون كەسپىنىڭ 2015-يىللىق كىرىمى 155 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ S&P 500 كۆرسەتكۈچىسىدىكى بارلىق شىركەتلەردىن يۇقىرى تۇرىدىكەن، ھەتتا ئامازون، گۇگېلنىڭ ئانا شىركىتى ئالفابېت، مىكروسوفت ۋە فېيسبۇك قاتارلىق تېخنىكا ساھەسىدىكى گىگانت كارخانىلارنىڭ ھىچقايسىسى كىرىم جەھەتتە ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون كەسپىگە تەڭلىشەلمەيدىكەن.

مالىيە دوكلاتىدىكى سان-سىپىرلارغا قارىغاندا، Mac ۋە iPad دىن ئىبارەت ئىككى مەھسۇلات لىنىيەسىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالما شىركىتىنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن. كۇكنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتى «ئالما تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك» نەتىجىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالما شىركىتىنىڭ قولىدا 216 مىليارد دوللار نەق پۇل زاپىسى بار بولۇپ، بۇ پۇلغا كۆپ ساندىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنى سېتىۋالالايدىكەن.




خەتكۈچلەر:
30-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
22-05-2016
   «پەرقلىقلەر» فىلىمى بولسا ۋىرونىكا رۇس نىڭ شۇ رومانى ئاساسىدا نېيىل بېرگېر رېژىسسورلۇق قىلغان 2014 - يىلىدىكى فانتازىيەلىك ھەم ھەرىكەتلىك ئامېرىكا فىلىمى. بۇ يىل فىلىمنىڭ 3-بۆلۈمى چىقتى.     فىلىمنىڭ 3-ب...
Powered by Leglek