قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى بۇلتۇر ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى Priv نى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن، يىقىندا ئېچىلغان CES2016 يەرمەنكىسىدە، قارا بۆلجۈرگەننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېڭ شوۋزوڭ بۇ يىل پەقەت ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى ئاندىرويىد يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كىيىن، تورداشلار «قارا بۆلجۈرگەن ئۆزىنىڭ BlackBerry 10 سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ قىياس قىلىشقان. بىراق، چېڭ شوۋزوڭ كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، قارا بۆلجۈرگەننىڭ BlackBerry 10 دىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تورداشلارنى خاتىرجەم قىلغان. ھالبۇكى، ھازىر ئەھۋالدا يەنە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يىقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئۈزۈل-كېسىل ھالدا ئاندىرويىد سىستېمىسىغا يۈزلىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ كىشى قارا بۆلجۈرگەن APAC مەھسۇلات باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى Damian Tay بولۇپ، بۈگۈن ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
«Priv نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىزنىڭ ئاندىرويىد ئېكولوگىيەسىگە يۈرۈش قىلغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىز بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل سۇپىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، تاللاشقا توغرا كەلسە، بىز پەقەت ئاندىرويىدنى تاللىشىمىز مۇمكىن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئاندىرويىدقا يۈزلەنگەنلىكىمىز ماھىيەت جەھەتتە ئۇنىڭ قوللىنىشچان دېتال ئېكولوگىيەسىنى مۇھىم دەپ بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن. بۇندىن باشقا، بىزنىڭ كارخانا كەسپىمىز ئەزەلدىنلا سۇپا ھالقىغان سەۋىيەدە بولۇپ، بۇنداق ھالەتنىڭ داۋاملاشقىنىغا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاندىرويىدقا كۆچۈشمۇ ناھايىتى تەبىئىي بولغان بىر تەرەققىيات جەريانى.»
ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، قارا بۆلجۈرگەننىڭ كارخانا مۇلازىمەت كەسپى ئەزەلدىن سۇپا ھالقىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، ئاندىرويىد سۇپىسىغا كۆچۈشمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئانچە قىيىنغا توختىمايدىكەن. ئاندىرويىدقا كۆچۈش ئەمەلىيەتتە قارا بۆلجۈرگەن ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئەپسۇس، بۇ خەۋەر BlackBerry 10 نىڭ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدىغان بولدى. بىراق، Damian Tay نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار BlackBerry 10 سىستېمىسىغا بولغان تېخنىكىلىق قوللاشنى توختىتىپ قويمايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، قارا بۆلجۈرگەننىڭ كونا ئابونتلىرى ئارتۇقچە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ئۇندىن باشقا، ھازىر بازارغا كىرگۈزۈلگەن BlackBerry 10 يانفونلىرىمۇ داۋاملىق سېتىلىدىكەن، پەقەت كەلگۈسىدە يېڭى نۇسخىدىكى BlackBerry 10 يانفونى ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved