نۆۋەتتە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان «كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) دە ئېنىق قىلىپ، ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەرنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا ئارتۇق ئىقتىدارلارنى چىقىرىپ تاشلىشى، ھەمدە باشقا ئەپلەر باغلانماسلىقى، ئېلان تۈرىدىكى ئەخلەت ئەپلەرنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىماسلىقى شۇنداقلا سىستېما مۇھىم ئەپلىرىدىن باشقا مۇناسىۋەتسىز ئەپلەرنى خالىغانچە يۇيىۋېتىشگە يول قويۇش لازىم دېيىلگەن.
ئۈسكۈنىلەرگە ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەر ئەزەلدىن تېلېفون ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 360 چىخۇ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ خوڭۋىي مۇخبىرلارغا «كىرىم مەنبەسىنىلا كۆزلەپ ئىشلەتكۈچىلەرگە زىيان كەلتۈرسەك بولمايدۇ» دېگەن. لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىم كارخانىلار بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئىگەللىنىشكە قارىغاندا نۆۋەتتە يانفونلارغا ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەر 10خىلدىن 40 خىلغا يېتىدىكەن.
يانفونلارغا ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپ ئاللىبۇرۇن كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپىيەتلىككە ئايلانغان بولۇپ، يانفون بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى گاۋ ۋىي ۋىي مۇخبىرلارغا چۈشەندۈرۈپ: «يانفونلارغا ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەر ئادەتتە يانفونلار زاۋۇتتىن چىققاندا بىللە چىقىدىغان ئەپلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 3-تەرەپ تەمىنلىگەن يانفون سىستېمىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ خىلدىكى ئەپلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە يۇيىۋىتەلمەيدۇ، بۇنداق ئەپلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى يانفون زاۋۇتلىرى، يانفون سودىگەرلىرى ۋە سىرتلاردىكى يانفونلارغا سىستېما قاچىلاش دۇكانلىرىدۇر» دېگەن.
گاۋ ۋىي ۋىي يەنە «بۇ خىلدىكى ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئېلان تەشۋىقات خاراكتېردىكى ئەپلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەردۇر. بۇ خىلدىكى ئەپلەر بىر تەرەپتىن يانفون سىغىمىنى ئىگىلەپلا قالماستىن يانفوننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ، تېلېفون قوزغالغاندا ئاپتوماتىك قوزغىلىپ توكنىڭ يەتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېقىم مىقدارىنىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىلدىكى ئەپلەرگە يامان نىيەتلىك ۋىرۇس باغلانغان بولسا ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى زىيانغا ئۇچراپ مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەسىر يېتىشى مۇمكىن» دېگەن.
ئىگىلىنىشكە قارىغاندا ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان يانفونلارنىڭ 96.2%گە قاچىلىنىدىغان مۇشۇ خىلدىكى ئەپلەر 10دىن 40 قىچە بولۇپ، ھەر بىر ئەپنىڭ قاچىلىنىش باھاسى 0.5 يۈەندىن 10 يۈەنگىچە بولىدىكەن. بەزى مۇتەخخەسسىسلەر ئسىتاستىكىلاپ ئەگەر ھازىر يانفونلارغا ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەر ئارقىلىق قىلىنغان كىرىمنى تەخمىنەن 3 يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، مەلۇم بىر تېلېفون زاۋۇتى 3 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقىرالىسا پەقەت مۇشۇ خىلدىكى ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەردىن قىلغان كىرىمىلا 1مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، بولۇپمۇ ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن دېگەن
360 شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ خوڭۋىي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «كۆپ قىسىم ئاندىرويىد يانفونلاردىكى تازىلاش ئەپلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق، ئۇلاردا سىستېمىنىڭ ھەقىقىي ھوقۇقى يوق بولغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنى تازىلىيالمايدۇ، گەرچە بىر قىسىملىرىنى تازىلىسىمۇ، بۇ خىلدىكى يامان نىيەتلىك ئەپلەرنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى توسالمايدۇ. بەزى ئەپلەر بەلگىلىك مۇددەتتە بىر قېتىم ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ، بەزىلىرى يانفون سىمسىز تورغا ئۇلانغاندا ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ، بەزىلىرى يانفون قۇلۇپلانغاندا قوزغىلىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئىنتايىن سىرلىق، بىرى قوزغالغاندىن كېيىن يەنە باشقا <ئۇرۇق-تۇغقانلىرى>نىمۇ قوزغىتىدۇ» دېگەن.
2 يىل ئىلگىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى «كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تورغا كىرىشىنى باشقۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلغانىدى، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئەگەر يېڭىدىن ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەر بولسا چوقۇم ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىش كېرەك دېيىلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن شاڭخەي ئىستېمالچىلىرى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە OPPO، سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغانىدى.
كۆپ قىسىم يانفون سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالدىن قاچىلىنىدىغان ئەپلەردىن ۋاز كېچىش، كۆز ئالدىدىكى بىر چىشلەم لوخ گۆشتىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ. تۈنۈگۈن مۇخبىر بىر قىسىم يانفون سودىگەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا نۇرغۇنلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. يانفون زاۋۇتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلار تەھلىل قىلىپ گەرچە بۇ نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىشى يانفون سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زور تەسىر كۆرسەتسىمۇ لېكىن ھەرگىزمۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، كەلگۈسىدە يانفون زاپچاسلىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ يانفون سودىگەرلىرى يەنە پايدا ئالالىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved