رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن جابىر ئەنسەرى شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، ئىران ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازاسىغا قارىماي ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەلىي كۈچىنى داۋاملىق زورايتىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاتناشقانلىقىنى باھانە قىلىپ، 6 نەپەر ئىران پۇقراسى، 1 نەپەر جۇڭگو پۇقراسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ 2 كارخانىسى ۋە جۇڭگونىڭ بىر كارخانىسىغا جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازاسىدا تىزىملىكتىكى كارخانا ۋە شەخسلەر بىلەن ھەرقانداق پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە بولۇش چەكلەنگەن، جازالاش ئوبيېكىتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا بانكلىرىدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ.
ئامېرىكا ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىران 10-ئايدا يىراق مۇساپىلىق ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن، يېڭى جازالاش تەدبىرى تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئامېرىكا يېڭى جازالاش بىلەن ئىران يادرو پىلانى سەۋەبلىك يۈرگۈزۈلگەن جازا مۇناسىۋەتسىز دەپ قاقرايدۇ. لېكىن ئىران ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازالاشنى يۈرگۈزۈشى ئىران يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved