39ساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .پاقىراق ۋە ئېلاستىكىلىقى بار چېچى بولۇش ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى بولسا كېرەك ، چاچنى تاشقى جەھەتتە ئاسراش ئارقىلىقمۇ ئۇنى پاقىراق ھالاتتە ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . بىراق ئۇنى ئىچكى جەھەتتە قۇۋۋەتلەش يەنىلا ماھىيەت جەھەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . گۆش تۈرىدىكىلەر چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بايقىلىشىچە كۆش تەركىبىدىكى سىنك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسىشىنى تېزلىتىدىكەن ، تەركىبىدە سىنك مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكلەردىن يەنە بۇغداي تۈرىدىكى دانلىق زىرائەتلەرمۇ بار .
بۆلجۈرگەن ، شوخلا قىيامى باش تېرىسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋىتامىن c ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، قان سۇيۇقلىقى تېرە ۋە باش تېرىسىنى ناھايىتى ياخشى سىلىقلاپ ۋە شۇ ئارقىلىق چاچ ۋە باش تېرىسىدىكى ياغ قەۋىتىنىڭ ياخشى ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ ، چاچنى پاقىراق ۋە ساغلام قىلىدۇ . ۋىتامىن c بۆلجۈرگەن ، شوخلا قىيامى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ . گۈمبەمەدەك ، تۇخۇم چاچ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ گۈمبىمەدەك تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى مول رېئاكتېۋ بولۇپلا قالماستىن ، يەنە مول پانوتېنىك كىسلاتاسىمۇ بار . ئۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇزۇقلۇق تەركىبى بولۇپ ، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرىشىغا پايدىلىق .
پانوتېنىك كىسلاتاسى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، تۇخۇم بىلەن قوناق تەركىبىدىمۇ مول پانوتېنىك كىسلاتاسى بار .چاچ چۈشۈش ئاساسلىقى چاچ يىلتىزىنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش، بەدەندە قان بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىىن مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، شۇ جايدىكى چاچلار ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ: سامساقتىن بەش چىشنى چاناپ بىر قوشۇق ھەسەل ھەم قاق چوڭلۇقتىكى ئۆردەك يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا شىپا بولىدۇ.ھۆل زەنجىۋىلنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، باشقا سۈركەپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، چاچ چۈشكەن جايغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاپتۇل مېغىزىدىن بەشنى، كاۋاۋىچىندىن ئۈچ قوشۇق ئېلىپ، يەر ياڭىقى بىلەن قاينىتىپ، چىققان ماينى سۈزۈلدۈرۈپ، كەچتە بىر قوشۇقتىن سۈركەپ بەرسە چاچ چۈشۈشنى توختىتىپ، چاچ چىقىرىدۇ.چامغۇر سۈيى بىلەن چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.چاچ يۇيىدىغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، چاچنى پارقىرىتىدۇ چەم چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ چاچنى يۇسا، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بەزى كىشىلەر كۈنىدە يۇيۇنۇپ، چېچىنى يۇيىدۇ، بەزى كىشىلەر 3 كۈندە بىر قېتىم، يەنە بەزى كىشىلەر بىر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاران يۇيىدۇ، دائىم يۇغان كىشىلەر دائىم يۇمىغان كىشىلەرنى بەك مەينەت دەپ قارايدۇ، لېكىن دائىم يۇمىغان كىشىلەر بولسا: "دائىم يۇغاندا چاچنى يۇيۇپ بۇزۇپ قويمامدۇ؟" دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر كۆپلىگەن ئىلمى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە: ھەر كۈنى چاچ يۇغاندا، چاچ سۈپىتىنىڭ پاكىز ھەم ساغلاملىقىنى ساقلاپ، چاچنى تېخىمۇ كۆركەم رەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. بىراق ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن كىشىلەر ھەر كۈنى چاچ يۇيۇشقا بىر خىل خاتا قاراشتا بولۇپ، ھەر كۈنى چاچ يۇيۇشنىڭ پەقەت زىيىنى بار پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ.
بىرىنچى خاتا قاراش: ھەر كۈنى چاچ يۇغاندا چاچنى قۇرغاق سارغۇچ قىلىۋېتىدۇ.
بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى چاچ يۇغاندا چاچنىڭ ئۈستىدىكى ماي تەركىبىنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەندە چاچ قۇرغاق،سارغۇچ، پاخپايغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، لېكىن كۆپلىگەن تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. چۈنكى نورمال ئادەمنىڭ ھەر بىر كىۋادرات سانتېمېتىر چاچ تېرە توقۇلمىسىدا 192-144 دانە تېرە ماي بېزى بولىدۇ، بۇ تېرە ماي بېزى ھەر كۈنى توختىماستىن ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھەر كۈنى نورمال چاچ يۇيۇپ تازلاش ئېلىپ بارغاندا، چاچنى زەخىم يەتكۈزمەستىن بەلكى تېرە ماي بېزىنى غىدىقلاپ، تېرە مېيىنىڭ نورمال بولۇشىنى ساقلاپ، چاچنى تېخىمۇ نۇرلۇق ۋە ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: ھەر كۈنى چاچ يۇغاندا باش كېپىكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئادەم كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان باش تېرە كېپىكى بولسا، باش تېرە مۈڭگۈزلىشىش جەرياندىكى نورمال ئايرىلىشنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ھەر ۋاقىت تېرىنىڭ مېتابولىزم بىلەن بىرگە توختىماي ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بەدەن ۋە تېرە ئىقتىدارى نورمال بولغاندا، باش تېرە كېپىكى روشەن كۆپ بولىدۇ. تېرە قۇرغاق، سۇ تەركىبى يېتەرسىز بولغاندا باش تېرە كېپىكى ئاق ھەم قۇرغاق بولىدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: ھەر كۈنى چاچ يۇغاندا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەر كۈنى چاچ يۇيۇش چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. چۈنكى چاچ يىلتىزى چاچ تېرىسىنىڭ ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىدا بولىدۇ، لېكىن ئادەتتە چاچ يۇغاندا پەقەت چاچ يۈز قىسىمى يۇيۇلىدۇ، بۇنداق بولغاندا چاچ يىلتىزىغا زەخىم يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس، ھالبۇكى ھەركۈنى چۈشكەن چاچ سانى پەقەت 100-50 تالغىچە بولسا، بۇ تەبئىي چۈشۈش ھادىسىسىگە تەۋە. چاچ يۇيۇش جەريانىدا چۈشكەن بولسىمۇ لېكىن، كۆپىنچىسى چاچ يۇيۇش مەھسۇلاتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن ياكى چاچ يۇيۇش ئۇسۇلى بەك قوپال بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇنىڭ چاچ يۇيۇش بىلەن ياكى چاچ يۇيۇش قېتىم سانى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم چاچ يۇيۇش ئەڭ ياخشى؟ ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چاچ سۈپىتى، شۇنداقلا پەسىل ۋە پائالىيەت بوشلۇقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ھەر ھەپتىدىكى باش يۇيۇش قېتىم سانىنى تاللىسا بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 10 تۈمەن تال تۈك بار، ھەر بىر تال تۈكنىڭ تۈك خالتىسى قىسمى بىلەن ماي بېزى زىچ بىرلەشكەن بولۇپ، تېرە ماي بېزى توختىماي ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
مايلىق چاچ: ئەگەر ياز پەسلىدە ياكى مايلىق چاچ بولسا، تېرە ماي ئاجرىتىلىشى كۆپ بولغاچقا، چاچ مايلىشىپ بىر يەرگە يىغىلىپ قېلىپ، ئاسانلا چىگىلىپ، تەكشى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياز پەسلىدە ياكى مايلىق چاچلىق كىشىلەر، چوقۇم ھەر كۈنى بىر قېتىم چاچ يۇيغاندا ئاندىن چاچنىڭ پاكىز ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئوتتۇرا ۋە قۇرغاق چاچ: چاچ يۇيۇش قېتىم سانى ھەر ھەپتىدە 5-4 قېتىمغىچە بولسا بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەنلىكتىن ياكى دائىم سىرتتا پائالىيەت قىلىدىغانلارنىڭ چېچى ناھايىتى ئاساسانلا ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ۋە ھاۋادىكى توزاندىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ خىلدىكى چاچ زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى چاچ يۇيسا بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved