سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ياشلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ

        11 – يانۋار چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلغاندا، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرە قىلدى.

       ئەزا قادىر نىياز ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بۇلتۇر ‹‹مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش›› خىزمىتى بويىچە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا تۇرغان. ئۇ، بۇ جەرياندا جەنۇبىي شىنجاڭدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى كەسكىنلىكىنى ھېس قىلغان. نەتىجىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇلتۇر بارىن يېزىسىدىكى 20 جۈپ ئەر – ئايال شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان.

       ئەزا قادىر نىياز گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە بارىن يېزىسىدىن 220 نەپەر ياشنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە بارغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ياشلار بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 – 70 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ يېڭى ئۆيلەرنى سالدى. بۇنى كۆرگەن يېزا ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

      ئەزا خې جيەنجۈن قادىر نىياز ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمز ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە. ئىچكىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشتە پۇختا ئاساسى بار. شۇڭا، ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىشىپ، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ ئىشنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مېنىڭچە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنىڭ ياشلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. بۇ بىر ئائىلىگە، ھەتتا بىر پۈتۈن كوللېكتىپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە بۇ جەرياندىكى ئىدىيە ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
29-04-2016
     سىز پەقەت 30 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە بېرىپ بولۇشنى پەرەز قىلالامسىز؟ شەھەر كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە بۇنداق قىلىش قۇرۇق خام خىيالدەكلا تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاۋسترالىيەلىكل...
29-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مەلۇم ئارشاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭ كۆلچەكلىرىدە ئالما، ئاپېلسىن، لىمون، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار چىلاپ قويۇلغانىدى. ...
29-04-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، فوتوگراف بوشلۇقتىن شىشۇاڭبەننانىڭ بايراملىق ياسانغان گۈزەل ھۆسنىنى سۈرەتكە تارتىپ، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا تەك...
29-04-2016
     2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت بىزگە تۇمان ئارسىدىكى دۇبەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىراق مەنزىرىسى، بۇلۇتلار ئىچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەر.... پورتتىن جۇمىرا ئارىلىغىچە بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۆز...
28-04-2016
    بۇ يىل ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە شىنجاڭ كۈتىۋالغان ئىچكىرى ...
28-04-2016
    ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مۇلازىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاماق تىزىملاش كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى گوللاندىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قەھۋەخانىسىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش. ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ...
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋېتسىيەلىك توبىئاس خاگ ئىسىملىك ئەر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئېگىز بوشلۇقتىن شىۋېتسىيەنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە گ...
Powered by Leglek