تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەخسى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى 3 ئادەمنى زەخمىلاندۈردى.
باش مىنىستىر تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانى زىيارەت ئۈچۈن بارغان ئارتىۋىن شەھرىدىكى بىر پۇتبول مەيدانىغا قونماقچى بولغاندا تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ شامالدۇرغۇچىدىن چىققان كۈچلۈك شامال ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتتى،ھەمدە قۇرۇلۇش ئورنىدىكى تۈنكە ۋە شۇنىڭدەك قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى ئۇچۇرۇپ، ئەتراپنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاۋاتقان بىر ساقچىنى،شۇنداقلا مۇخبىر ئورخان سەۋىنچ، قۇرۇلۇش ئىشچىسى جەمال دوغان قاتارلىق 3 ئادەمنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
يارىلانغانلار يېقىن ئەتىراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلۇش ئىشچىسى جەمال دوغاننىڭ مۇخبىرغا دىيىشىچە باش مىنىستىرنىڭ ئايرۇپىلانى بىرىنچى قېتىمدا مۇۋاپىقىيەتلىك قونالمىغان، ئىككىنچى قېتىم قونماقچى بولغاندا يۇقارقى ۋەقە كىلىپ چىققان.
تاييىپ ئەردوغان زىيارىتىدىن كىيىن دەرھال تىك ئۇچار ئايرۇپلانى بىلەن ترابزون شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەسلىدە ئارتىۋىن شەھىرىنىڭ باغچىسىدا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ تىكىشى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان بىر تۈپ كۆچەت بار بولۇپ، يېنىغا «بۇ كۆچەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تىكىلدى» دەپ يېزىلغانىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved