چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) دۈشەنبە قەرەللىك بۇغداي باھاسى دۈشەنبە يۇقىرى باھادا بازار يېپىلغان، بازاردىكى سودا سۇس بولغان، سودا ئەڭ جانلىق بولغان 3- ئايلىق قەرەللىك بۇغداي توختام باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى تەۋرىنىش دائىرسىدە بولدى.
3- ئايلىق CBOT قەرەللىك بۇغداي توختام باھاسى 4.97 دوللارغا يېقىنلاشتى، لېكىن ئالدىنقى ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتا 4.98 دولارغا چىقالمىغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈش دائىرسى قىسقىراپ، بازار يېپىلىش باھاسى ھەر بۇشىل 4.93-1/2 دوللار بولۇپ، 3 سېنت ئۆسكەن.
2015- يىل 12- ئايلىق قەرەللىك بۇغداي توختامنىڭ قەرەللىك ۋاقتى توشتى.
ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ بىر قانچە يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشى ۋە دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى بۇغداي بازىرىغا تىرەشلىك ئېلىپ كەلگەن.
ئاساس يۈز يەنىلا چۈشۈشكە مايىل، سەۋەبى دۇنيادىكى كونا بۇغداي تەمىنلەش يىتەرلىك بولدى، 2016/17 يىللىق شىمالىي يېرىم شار قىشلىق زىرائەت ھېچقانداق پايدىسىز ھاۋارايى ئامىلىغا ئۇچرىمىغان.
ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك مال سودا كومېتىتى (CFTC) جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك سودا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، فوندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەيرىي تاۋار سودىگەرلەرنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىن ئېلىنغان چۈشۈشنىڭ ماللېرى بولۇپ، بازارنىڭ ئاسانلا تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
CBOT دوكلاتىدا ، 4 قول 12- ئايلىق يۇمشاق قىزىل كۈزگى بۇغداي توختام سودىسى كېسىشكەن.
بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدار مۆلچەرى 50,338 قول بولغان.
كانزاس قەرەللىك مال سودا مەركىزى (KCBT) 3- ئايلىق قاتتىق قىشلىق كۈزگى بۇغداي توختام بازار يېپىلىش باھاسى 5-1/2 سېنت ئاشقان، ھەر بۇشىل 4.88 دوللار.
مىننئاپولىس دانلىق زىرائەتلەر سودا مەركىزى (MGEX) 3- ئايلىق قەرەللىك بۇغداي توختام بازار يېپىلىش باھاسى 2-3/4 سېنت يۇقىرلاپ، ھەر بۇشىل 5.10-1/2 دوللار بولغان.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇشىل مىقدار بىرلىكى بولۇپ، ئۇ بىر خىل مىقدار ھېسابلىغۇچ.
ئامېرىكىدا 1 بۇشىل 35.238 لېتىرغا تەڭ.
1 بۇشىل بۇغداي= 58 قاداق= 26.309 كىلوگرام
1 بۇشىل ئارپا= 48 قاداق= 21.772 كىلوگرام
1 بۇشىل كۆممىقۇناق= 56 قاداق= 25.401 كىلوگرام
1 بۇشىل سېرىق پۇرچاق= 60 قاداق= 27.100 كىلوگرام
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved