ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئىسلامئابادتا تۇنجى قېتىم ئاشكارە سۆزلىشىشكە باشلىدى

پايدىلانما سۈرەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىسلام ئابادتا تۇنجى قېتىم ئاشكارە سۆزلىشىشكە باشلىدى، ئىككى تەرەپ تىنچلىق ۋە يارىشىش مۇساپىسىغا مۇھىت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ كېلەر قېتىملىق سۆھبەتنى رامىزاندىن كېيىن مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئەشرەف.غەنى بۇلتۇر 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاستە سۆزلىشىشى.
پاكىستان دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقى مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىشتى، ھەمدە رايون تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىشكە بىردەك قوشۇلدى.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون 8-ئىيۇل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ پاكىستاندا سۆزلەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق: بانكىمون ئافغانىستانلىقلار باشلامچىلىق قىلىدىغان، ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇدىغان تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدۇ، دىيىلگەن. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەدىسى ۋە پاكىستاننىڭ ئوينىغان رولىغا رەھمەت ئېيتتقان.



خەتكۈچلەر:
09-07-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek