ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىدە تۈنۈگۈن مۇھىم ۋاقىتنى يەنە بىر قېتىم قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىدە يەنىلا بۆسۈش قولغا كەلمىدى. ھەتتا تىركىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، سۆھبەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىلىق ساقلاشقا دەۋەت قىلىپ، سۆھبەتتىن ۋاز كەچمىدى ھەمدە بىر بىرىنى ئەيىبلىدى ۋە بېسىم ئىشلەتتى.
ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئىككى سۆھبەت مۆھلىتىدىن ئىلگىرى ئىختىلاپنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلالماي، كېلىشىم ھاسىل قىلالماي سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئامېرىكىنىڭ شەرقى ۋاقتى 9-ئىيۇل سائەت 24 ئامېرىكا پارلامېنتى بېكىتكەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى سۇنىدىغان 3- مەزگىل.
ئەگەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇنۇلسا ، پارلامېنت 30 كۈن ئىچىدە قاراپ چىقىشنى تاماملايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن قاراپ چىقىش مەزگىلى 60 كۈن ئۇزارتىلىدۇ. تاشقى ساھە قاراپ چىقىش ۋاقتى ئۇزارسا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تېخىمۇ كۆپ توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن دېدى.
9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىش رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى نازۇك مەسىلىلەر يەنىلا ھەل قىلىنمىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر داۋاملىق سۆھبەتلىشىدۇ، لېكىن سۆھبەت ھامىنى ئاياغلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئالدىراقسانلىق بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمايدۇ، بىر تۈرلۈك سۈپەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئەڭ مۇھىم . كىررى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىسا، بىز بۇ مۇساپىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مۇتلەق تەييارلىنىپ قويدۇق دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى موغەيرىنى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى:بىز سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇرۇشقا يېقىنلاشتۇق، بىراق كەلگۈسى بىر قانچە سائەتتە مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىق قارار چىقىرىلمىسا، بىز كېلىشىم ھاسىل قىلمايمىز.
قارشى تەرەپنىڭ بېسىمىغا قارىتا سۆھبەتكە قاتناشقان ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف شۇ كۈنى كەچتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ئەپسۇس قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى ۋە تەلىپىدە ئۆزگىرىش بولدى، مەن سۆھبەت قانچىلىق داۋاملاشسا سۆھبەت ئۈستىلىدە شۇنچىلىك ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىپ قويدۇم.
ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراگىشنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سۆزىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىكى ئاساسلىق ھۆججەت ۋە بەش تېخنىكىلىق قوشۇمچە ھۆججىتىنىڭ %96 تى تاماملانغان. لېكىن قالغانلىرىدىكى ئىختىلاپ ئەڭ كەسكىن بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
1.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننىڭ مۇنتىزىم قۇراللار ئىمبارگوسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرىدىكى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماسلىق. رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف 9-ئىيۇل مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىرانغا قاراتقان قورال ياراق ئىمبارگوسىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قۇرال ياراق ئىمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئىراننى جازالاش تەدبىرى. غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ھەل قىلىش لايىھىسى ئىراننىڭ مۇنتىزىم قۇراللار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا چەك قويۇش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى قورال ياراق ئىمبارگوسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئىراننىڭ ئاللاھ پارتىيىسى خەلق ئەسكەرلىرى ۋە خاماس قاتارلىق تەشكلاتلارنى قوراللاندۇرۇشتىن ئەنسىرىدى. غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يادرو ئوق بېشىنى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىشىدىن ئەنسىرىدى.
2.ئىراننى ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن جازالاشنى بىكار قىلىش ۋاقتى جەھەتتە يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت. تېھران ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئۈنۈمگە ئىگە بولغان ھامان، جازانى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. غەرب ئەللىرى ئىران ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىشىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىىيسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى ھەربىي بازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. بۇ تەلەپ ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىينىيى بېكىتكەن چەكتىن ھالقىپ كەتتى. ئەگەر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدە ئىراننىڭ قورال ياراق ئىمبارگوسى بوشىتىلسا، ئىراننىڭ يادروسىنى تەكشۈرۈش ھوقۇق چېكى كاپالىتى يېتەرلىك بولمايدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونترول قىلغان ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ بۇ كېلىشىمگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. زەرىف بىلەن كىررىنىڭ بۇ مەسىلىدە يول قويۇش بوشلۇقى ئىنتايىن چەكلىك.
فرانسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيوس 9-ئىيۇل ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېڭىشىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە مارافونچە يۈگىرىشىنىڭ ئاخىرقى يۈز مېتىرىغا يۈگۈرۈش ئەڭ قىيىن بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved