ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئالتە قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
«يەر شارى تورى خەۋىرى» فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا پارتلاش يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان.
ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاكارتادا ئالتە قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن، پارتلاش نۇقتىسىغا يېقىن يەردە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان.
ئامېرىكا «ۋال كوچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ قېتىم كەم دېگەندىمۇ ئالتە قېتىم پارتلاش يۈز بەردى، دېيىلگەن.
جاكارتا ساقچى تەرەپنىڭ تىۋىتىردىكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، پارتلاش جاكارتانىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى ب د ت ئىش بېجىرىش ئورنىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن؛ كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جاكارتانىڭ شەھەر مەركىزىدە قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن، نۆۋەتتە ئۈچ ئادەم قازا قىلغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved