جۇڭگو خەۋەر تورى 14 – يانۋار تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 14 – چىسلا روسىيە زۇڭلىسى مىدىۋېلىفنىڭ بىلدۈرىشىچە ، روسىيە ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ھازىر بار بولغان سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەم دۇنيا بىلەن ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
مېدېۋلىفنىڭ ئېتىشىچە ، روسىيە ئەگەر بۇرۇنغا قايتىپ كەتسە ناھايىتى قورقىنىشلىق خاتالىق ئىكەن . ھامان بەزى بىر قىسىم كىشىلەر روسىيەنى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇھىم رولىنى ئېلىشتىن ۋاز كىچىشكە چاقىرىق قىلىدىكەن . لېكىن روسىيە ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ھازىر بار بولغان سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلقىنى بىلدۈرگەن .
مېدىۋىلىفنىڭ يەنە بىلدۈرىشىچە ماي باھاسى ۋە لۇبۇغا پايدىسىز بولغان چەكلەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى دەخلى قىلالمايدۇ .چۈنكى روسىيە مەركىزىي بانكىنىڭ بۇنىڭغا يىتەرلىك بولغان ئىقتىساد مېخانىزمى بار . روسىيە پۇل قىمىتىنى مۇقۇم ساقلاپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئۇ يەنە تەكىتلەپ روسىيە يەنىلا ئىشەنچلىك خەلقئارالىق شېرىك ، ھەم ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ . روسىيەنىڭ زاپاس تەييارلىقى ناھايىتى مول ، دۆلەتنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ قەرىز چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ .
ئۇ يەنە روسىيە تىزدىن ئاساسلىق سودا ششېرىكى بولغان ياۋروپا قىتەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ نۇرمال ھالەتكە قايتىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېدىېۋېلىف ، روسىيە تەرەپ يېقىن بولغان ئاسىيا رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ كۆرسىتىپ بۇ پۈتكۈل چەكلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پەقەتلا روسىيە ئۈچۈنلا پايدىلىق .
بۇنىڭدىن بۇرۇن تاراتقۇلار خەۋىرىدە ئېيتىشىچە ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچە مۇھاكىمە ماتېرىيالىدا ئېيتىلىشىچە ، ئەھەر روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھەركەت قوللىنىپ ئوكرائىنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى رايونىدىكى كرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرسا ياۋروپا ئىتتىپاقى زور كۆلەمدە روسىيەگە بولغان چەكلەشنى ئازايتىدىغانلىقىنى ، ھەم بىر قاتار مەسلىلەرنى سۆھبەت ھالىتىگە قايىتىدىكەن . ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن موسكۋانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوڭشىغىلى بولمىسىمۇ لېكىن بۇ ھۆجەتتە كۆرسىتىلىشىچتە ياۋروپا ئىتتىپاقى روسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان .
ھۆجەتتە يەنە روسىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋيزا ئېلىشنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى مەسلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلقى ، موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىققان ياۋروپا ئىقتىسادىي بىرلەشمە ھەمكارلىقى ھەم "ئىسلام دۆلىتى " ھەل قىلىۋاتقان شەرق مەسلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانلقى تىلغا ئېلىنغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved