شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئىتالىيەنىڭ ۋېناروتا شەھىرىدە، ئىتالىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ‹‹ئەسەبىي›› ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچار ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى ھاۋا بوشلۇقىدا سوقۇلۇپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتكەن، ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاغدىكى ئورمانلىققا ئوت كەتكەن، ئايروپىلاندىكى تۆت نەپەر خادىمنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى مانېۋىر ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بازىغا قايتىش يولىدا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن. ئىككى ئايروپىلاندىكى ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى، ئىككى نەپەر يول باشلىغۇچى يوقاپ كەتكەن. ئىككى ئايروپىلاننىڭ پاچاقلىنىپ كەتكەن ئورنى ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مارچېس رايونى ئاسكولى پىكېنو شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئورمانلىققا توغرا كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved