بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلايلى

       تۇرمۇشقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئىپادىلەپ ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆڭلىدە بىلدۈرىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ پەرزەنتىگە نىسبەتەن چوڭلارنىڭ مېھرىبانلىقى، كۆيۈنۈشى، قوللىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە مەكتەپلەردە زور كۆپچىلىك سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ھالدا تەڭ كۆزدە قارايدىغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا دەرستە ۋە تەشكىلى تۈزۈمدە ياخشى بالىلارغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىدۇ ھەم بەكرەك كۆيۈنۈپ ئەتىۋارلايدۇ. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن شۇ سىنىپتىكى دەرستە ياخشى، رايىش بالىلارنى قوللايدۇ ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەلۋەتتە ئۆز پەرزەنتىدىن باشقا بالىلارغىمۇ ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇش، بالىلارنىڭ گەپ – سۆزىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىش، بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم بېرىش، بالىلارنىڭ بالىلارچە قىلىق ھەم ئويۇنلىرىغا خاپا بولۇش بىھاجەتتۇر. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم چوڭلار پەقەت ئۆز پەرزەنتىدىن باشقا بالىلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ ھەم بالىلارنىڭ گەپ – سۆزىگە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە خاپا بولىدۇ ياكى ئاچچىقلىنىدۇ.

     چوڭلار ئۆز پەرزەنتىنىلا ئەمەس ھەرقانداق بالىلارغا ئىللىق، سىلىق مۇئامىلىدە بولغاندا، بالىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى بالىلار بىلەن چىقىشىش – چىقىشالماسلىقىغا، ئۇلارغا كۆيۈنۈش – كۆيۈنمەسلىكىگە، ئۇلارنى ئۇچراتقاندا يېقىملىق بولۇش – بولالماسلىقىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بىر قىسىم چوڭلار بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇپ ھەم ئۇلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ ھەم يېقىملىق گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكىتى بىلەن قايىل قىلىدۇ. بۇنداقلار كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئەخلاقلىق، مەسئۇلىيەتچان، راستچىل كېلىدۇ. ئەمما بالىلارنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان، ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزى ئاساسەن تەرسا، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان، ئىش قىلغاندا قول ئۇچىدا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتسىز ۋە يالغانچى كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلار بىلەنمۇ چىقىشالمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئادەتتە ئاق كۆڭۈل ھەم راستچىل كېلىدۇ، شۇڭا، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، كۆڭۈل بۆلۈش، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياردەم قىلىش پەزىلەتلىك ئادەمدە بولىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر. بالىلار ئادەتتە ئويۇنغا بەكرەك قىزىقىدۇ ھەم بوش ۋاقىت چىقسىلا بالىلارچە ئويۇن ئوينايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەتراپتىكى چوڭلارنى خاپا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق چاغدا چوڭلار ‹‹مەنمۇ بالا ئىدىم ›› دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ بالىلارغا زىيادە زورۇقۇپ چېچىلماسلىقى، ناۋادا بالىلار گەپ – سۆزگە دىققەت قىلماي، ناچار ئىش – ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالسا، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ھەرگىزمۇ ئاچچىقلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۆزىمىزمۇ نەچچە بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى تۇرۇپمۇ گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكىتىمىز ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ئەھۋاللاردىن تولۇق خالىي بولۇپ كېتەلمەيۋاتقىنىمىزنى ئويلىشىمىز لازىم.

سىز باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولسىڭىز شۇ بالىلارمۇ سىزگە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ، تونۇش – بىلىشلەرمۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن قوشنىلىرىڭىزنىڭ بالىلىرى ئاتا – ئانىسى ۋاقتىدا كەلمەي ئىشىك ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغاندا، ئاتا – ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز، بېشىنى سىلىسىڭىز ئەقەللىيسى قۇشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن بولىسىز. ناۋادا سىزگە ناتونۇش بولغان بالىلارنى ئۇچراتقاندا ئۇلار بىرەر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ۋە ھېسداشلىقىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز، ئۇلار سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىدۇ، سۆيۈنىدۇ.

بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek